ناشتا قىلمايدىغانلاردا خولېستېرىن ئېشىپ كېتىدىكەن تەتقىقاتچىلار 12مىڭ ئادەمنىڭ ناشتىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ناشتا قىلمايدىغانلاردا خولېستېرىن ئەڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان

     ناشتا قىلمايدىغانلاردا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى ئېشىپ كېتىدىكەن. نېمە ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ تولىسىدا يۈرەك كېسىلى ئەتىگەندە قوزغىلىدۇ؟ تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسى ئەتىگەندە يۇقىرىراق بولىدىكەن، ناشتا قىلمايدىغانلاردا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ناشتا قىلمايدىغانلاردا قان سۇيۇقلۇقىنىڭ يېپىشقاقلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىگە قارىغاندا ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ناشتا قىلمايدىغانلاردا يۈرەك كېسىلى ۋە كۈچلۈك، قىسقا ۋاقىتلىق نېرۋا قالايمىقانلىشىش كۆپ كۆرۈلىدىكەن.

ناشتا قىلمايدىغانلار بەش چوڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىكەن

     ناشتا قىلمايدىغانلاردا ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش خەۋپى نىسبەتەن زور بولىدىكەن. كلىنىكىلىق تەكشۈرۈشتە ئۆتىدە تاش پەيدا بولغان نۇرغۇن ئاغرىقتا ناشتا قىلمايدىغان يامان ئادەتنىڭ بارلىقى بايقالغان. ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ ئاچ قورساق يۈرۈش ۋاقتى نىسبەتەن ئۇزاق(ئالدىنقى كۈنى كەچتىن ئەتىسى چۈشكىچە) بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىدىكەن ھەم ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلىدىكەن، ئۆت سۇيۇقلۇقىدىكى خولېستېرىن تويۇنغان ھالەتتە بولىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتىسىدا ئاسانلا چۆكمە ھاسىل بولىدىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئۆتتە تاش پەيدا بولىدىكەن. شۇڭا دائىم ناشتا قىلمايدىغانلار بۇنداق ئادەتنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشى كېرەك ئىكەن.

     ناشتا قىلمايدىغانلاردا قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپى نىسبەتەن زور بولىدىكەن. بىر يېڭى تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ناشتا قىلمايدىغانلاردا قەنت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش خەۋپى نىسبەتەن زور بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. تەتقىقاتچىلار 25 – 37 ياش ئۆپچۆرىسىدىكى 2681 كىشىنى سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنسۇلىن قارشىلىقى نىسبىتىنى ھەر كۈنى ناشتا قىلىدىغانلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا %50 يۇقىرى بولغانلىقىنى بايقىغان، ئىنسۇلىن قارشىلىقى قەنت كېسىلىنىڭ بېشارىتىدۇر.

     ناشتا قىلمايدىغانلاردا ئاسانلا ئاشقازان يارىسى پەيدا بولىدىكەن. ئەتىگەندە ناشتا قىلمىسىمۇ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئادەتتىكىدەك ئاجرىلىپ چىقىرىلىۋېرىدۇ. قورساق ئاچ بولغاندا، ئاشقازان يېپىشقاق پەردىلىرى ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچراپ، ئاشقازان يارىسى ياكى ئاشقازان يەللىكى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناشتا قىلمىسا، ئۇنىڭغا ماس ھالدا قورساق ئېچىش سېزىمى كۆرۈلىدۇ، بۇ سېزىم تەسىرىدە چۈشلۈك تاماقنىڭ مىقدارى نىسبەتەن كۆپىيىدۇ، بۇ ئاشقازان يېپىشقاق پەردىلىرىنىڭ كېڭىيىشىنى، يىرتىلىشىنى ھەم ئاشقازان ئاغرىش ۋە باشقا كېسەل ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەك تويۇنۇپ غىزالىنىش قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قانداق كىشىلەر بېلىقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .