بەك تويۇنۇپ غىزالىنىش ئاشقازان - ئۈچەينىڭ بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىپ سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ

ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاشقازان - ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىدا توسالغۇ پەيدا قىلىپ، ئاشقازان-ئۈچەي كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 

زور مىقداردىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرى چوڭ ئۈچەيدە ساقلىنىپ قېلىپ، چوڭ ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەر تەرىپىدىن پارچىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقسىلدىن پارچىلىنىپ چىققان بىسمۇت فېنات ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا كىرىپ ئورگانىزىملارغا زىيان يەتكۈزىدۇ ھەم قان تومۇر كېسەللىكىنى پەيدا قىلىپ ئادەمنى تېز قېرىتىۋېتىدۇ.

 تېببىي ئىلمدە ‹‹ غىزانى سەككىز ئۈلۈش تويۇنۇپ يېگەن ئادەمنىڭ تېنى ساغلاپ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدۇ ›› دەيدىغان سۆز بار. تەكشۈرۈش ئارقىلىق 100 ياشتىن ئېشىپ ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەك تازىلىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكى مەلۇم بولغان.

 دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ھەر قېتىملىق ھېيت-بايرام ۋە ئارام كۈنلىرىدە كىشىلەر ئېغىزغا تېتېغۇدەك تائاملارنى ئېتىپ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ بىر ياخشى ئىش . ئەمما چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاشۇرىۋېتىپ ، ‹‹ تويمۇغۇرلىق قىلىپ كېسەل تېپىۋىلىش›› نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي تۈرىدىكى كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۆكتات، مېۋە–چېۋىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى تۆت چوڭ رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ناشتا قىلمايدىغانلار بەش چوڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .