كۆكتاتلاردىن سەۋزە، پىياز، سامساق، يېسسىۋېلەك؛ مېۋە – چىۋىدىن ئاپېلسىن، قىزىل دولانە يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ چۈنكى بۇلارنىڭ تەركىبىدە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان تەركىبئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئوزۇقلۇق ماددا ( ۋىتامىن C ، ۋىتامىن E، كاروتىن، ئانئورگانىك تۇزلاردىن ئارسېن، سىنك ۋە بىر قىسىم فلاۋون) قاتارلىقلار بار

بۇلاردىن باشقا، قان سۇيۇقلۇقىدىكى گوموسىستېئىننىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋىتامىنلار، بولۇپمۇ يوپۇرماق كىسلاتاسى بار. بۇلار ئارتېرىيە قان تومۇرىدىكى خولېستېرىننىڭ ئوكسىدلىنىشىنى ئازلىتالايدۇ ھەم يۈرەك مۇسكۇل ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى كۆپ مىقداردىكى يېمەكلىك تالالىرى قان پىلازمىسى تەركىبىدىكى خولېستېرىننىڭ مىقدارىنى كېمەيتىدۇ.

كۆكتات، مېۋە–چېۋىلەرنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى تۆت چوڭ رولى

  راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى تۆۋەنلىتىشتىكى رولى

    تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلپىياز قىيامى ئادەم بەدىنىدىكى ئۆسمە ھۈجەيرىلىرى كۆتەكلىرى (قالدۇقلىرى)نىڭ بەدەن سىرتىدا ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى كونترول قىلالايدىكەن. شوخلا، يېسسىۋېلەك، چېچەكسەي، سەۋزە، پىياز، تۇرۇپ، قىزىلمۇچ، تاۋۇز، ئەنبەھ (مانگو)، كۇلى بېھىلىرىنىڭ تەركىبىدە راكقا قارشى، بىيولوگىيەلىك مىكرو ئاكتىپچانلىققا ئىگە تەركىبلەر بار بولۇپ، بۇلار ئۆسمە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى توسقاندىن سىرت، بەزى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ رولىنى كونترول قىلالايدۇ. نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەر تەركىبىدىكى كۆپ مىقدارلىق تالالار بىر قىسىم راك كېسەللىكلىرى، بولۇپمۇ ئەمچەك راكى، دوۋساق راكى، مەزى بېزى راكى ۋە بىرلەمچى جىگەر راكىنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى ئازلىتالايدىكەن.

    بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش رولى

    تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كەرەپشە، چۇپۇرشاڭ، سامساق، پەمىدۇر، ئاچچىق كاۋا، چىلان، ئۈزۈم قاتارلىق 36 تۈرلۈك كۆكتات، مېۋە – چىۋە قىيامىنىڭ بەدەندىكى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنى چىقىرىپ تاشلاش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى بايقالدى. ئوكسىگېن ئەركىن رادىكاللىرى ئادەتتە ئورگانىزىمنىڭ ئوكسىدلىنىپ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنداق كۆكتات ۋە مېۋە – چىۋىلەرنىڭ يەنە ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شۇنىڭدەك بەدەننىڭ ئاجىزلاپ ئاسان قېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش جەھەتتىمۇ ئالاھىدە رولى بار ئىكەن.

  ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش، سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قەنت سىيىش كېسىلىنى داۋالاشتىكى رولى

    كۆكتات، مېۋە – چىۋىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا، نوقۇل كۆكتات ياكى نوقۇل مېۋە – چىۋە ئىستېمال قىلغانغا قارىغاندا ئۈنىمى ئالاھىدە ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن، پالەك، بېدە، كۆك پۇرچاق مايسىسى قاتارلىق كۆكتاتلار بىلەن ئۆرۈك، ئەنبەھ (ماڭگو)قاتارلىق مېۋە – چىۋىلەرنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، يېمەكلىك تۈرىدىكى كارۇتىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، ۋىتامىن Aكەمچىل بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

    ئۇنىڭدىن باشقا، كۆكتات، مېۋە – چېۋە تەركىبىدە ماي مىقدارى ئىنتايىن ئاز، ئېنېرگىيە نىسبەتەن تۆۋەن بولغاچقا، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتىشىدە ئەڭ ئاۋۋال تاللايدىغان يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا مېۋىنى ئاچ قورساق يېيىش كېرەكمۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى بەك تويۇنۇپ غىزالىنىش قېرىشنى تېزلىتىۋېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .