كۆپلىگەن ئەرلەر ۋاقىتقا ئالدىراش ئۈچۈن تاماقنى تېز يىيىشكە كۆنۈپ قالغان ، تاماقنى تېز يىسە قانداق زىيانلىرى بارلىقىنى بىلەمسىز؟

بىر قىسىم كىشلەر تاماقنى بەك تېز يەيدۇ، يەنە بىر قىسىم كىشلەر بەك ئاستا يەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاماقنى بەك تېز يېسە، يېمەكلىكلەر يېتەرلىك چاينالماي، چوڭراق يېمەكلىك پارچىلىرى ئاسانلا قىزىلئۆڭگەچ شىللىق پەردىسى ۋە ئاشقازاننى زەخمىلەندۈرىدىكەن.

تاماقنى بەك تېز يېمەڭ


تاماقنى بەك ئاستا يېسىمۇ ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولىدىكەن. چۈنكى ھەزىم قىلىش فېرمېنتى تاماقتىن كېيىنكى 10 نەچچە مىنۇتتا يۇقىرى چەككە يېتىدىكەن.بۇ ۋاقىت يېمەكلىكنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ھەزىم قىلىنىش ۋاقتى بولۇپ، ئوزۇقلۇق سۈمۈرۈش ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن. شۇڭا بىر ۋاق تاماقنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا يەپ بولۇش كېرەك.

ـــ ماتېرىيالدىن

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى يەتتە خىل يېمەكلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى مېۋىنى ئاچ قورساق يېيىش كېرەكمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .