زاغرا نان ۋە سالامەتلىك

زاغرا نان ۋە سالامەتلىك

ئەقىل-پاراسەتلىك ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش پائالىيىتى جەريانىدا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزگىچە غىزالارنى ئىجاد قىلغان. ئوخشىمىغان شارائىت، كىلىمات ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس ئۇزۇقلۇق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ھەمدە بۇ ئوزۇقلارنى تۈرلەرگە، تەبىئەتكە ۋە مەلۇم شەكىلگە ئايرىپ، ئۆزلىرى ياقتۇرغان، خىل كەلگىنى بويىچە ئىستېمال قىلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق جاينىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ھاۋا كىلىماتى، تۇرمۇش ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىگە ئاساسەن ئۆزگىچە ئۇزۇقلىنىش مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ تەبىئىي مىزاجى، ساقلىق ساقلاش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كېسەللىكلەرنى داۋالاش قاتارلىقلارغا خىزمەت قىلدۇرۇپ كەلگەن.

زاغرا نان يېزىلاردا دېھقانلار دائىم ئىستېمال قىلىدىغان، تەييارلاش ئاسان، ئۆزى سىڭىشلىك، ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەرەپلىرى كۆپ بولغان مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنى ئەتىگەندە ۋە چۈشتە بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ زاغرىدەك ئېسىل مىللىي ئەنئەنىۋى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش ئازىيىپ، ئالىي دەرىجىلىك ئۇندا تەييارلانغان تائاملارنى ئىستېمال قىلىش كۆپىيىپ قالدى. بۇ خىل تائاملار يۇقىرى قان بېسىم، قان قويۇلۇپ كېتىش، زىيادە سېمىزلىك، يۈرەك كېسەللىكى، قاندا ماي ماددىسى ئېشىپ كېتىش، جىگەرنى ماي قاپلاش، دىيابېت قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلغاچقا، يېمەك-ئىچمەك قاتارىدىن ئايرىلىپ، يېتىمسىرىغان قوناق ئۇندا تەييارلىغان زاغرا ناننى كىشلەر ھازىر يەنە قايتىدىن ئالاھىدە دورىلىق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىشقا باشلىدى. ئىلگىرى ئۆتمۈشتە ئەجدادلىرىمىز كۈندە دېگۈدەك زاغرا ناننى ئەتىگەن ۋە چۈشتە چاي بىلەن ياكى قېتىق بىلەن ئىستېمال قىلىپ كەلگەچكە ئۇلاردا يۇقىرىقىدەك كېسەللىكلەر كۆرۈلمىگەن ئەلۋەتتە. بۇنى مىللىي ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمىكىمىزنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى ۋە تەركىبىدىكى ھەرخىل ماددىلارنىڭ بەدەنگە بولغان شىپالىق رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، بۇ جەھەتتە ئەنئەنىۋى غىزا — زاغرا نان ئالاھىدە ئورۇندا تۇرغان.
زاغرا نان ئادەتتە كۆممىقوناق ئۇنى، پىياز، شوخلا، تۇز، قوي يېغى قاتارلىقلار قوشۇلىدىغان بولغاچقا تەبىئىتى جەھەتتىن قۇرۇق ئىسسىق دەپ قارىلىدۇ. زاغرا ناننىڭ ئاشقازان، ئۈچەينى ئوزۇقلاندۇرۇش ۋە ئۈچەي ھەرىكىتىنى تېزلىتىش، بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، قاندىكى مايلارنى پارچىلاش، سۈيدۈك ھەيدەپ بۆرەكنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىياتىنى تىزگىنلەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەدەننى ئوزۇقلاندۇرۇپ ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەش، بەدەندىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، ھەر قايسى توقۇلما ئەزالارغا قۇۋۋەت ھاسىل قىلىش، قاندىكى ماينى ئېرىتىپ جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.
يېقىنقى ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، قوناقنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى يۇقىرى دېگەن يېڭى نۇقتىئىينەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدە زىلزىلە قوزغىغان. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئامېرىكا قوناقتىن 1000 خىلدىن ئارتۇق مودا يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان بولۇپ، بۇ خىل يېمەكلىكلەر كىشلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشىغا نائىل بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، قوناقتا يەنە ۋىتامىن C، ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغان مىكرو ئېلېمېنت سېلىن ۋە لىنولىك كىسلاتاسى مول بولۇپ، بۇلارنىڭ قېرىشقا، قان تومۇر قېتىشىشقا تاقابىل تۇرىدىغان ئالىي دەرىجىلىك ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى خام ئەشياسى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. يەنە قوناقنىڭ تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى گۈرۈچنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، قوناقنىڭ تەركىبىدە مېڭىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان ماددىلار بار بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ نەپەسلىنىشكە ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى، زەھەرلىك ماددىلارنى زەھەرسىزلەندۈرۈپ، راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ھەزىمنى ياخشىلايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئادەتتە سېرىق قوناقنىڭ تەركىبىدە ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق بولغان ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C فېرمېنتلىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولۇپ، قوناق قانچە سېرىق بولسا تەركىبىدىكى فېرمېنتلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قوناقنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن A، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر مىقدارى گۈرۈچنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، قوناقنىڭ تەركىبىدىكى ماگنىي راك ھۈجەيرىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەپ، قان-تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۈچەي دىۋارىنىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى كۈچەيتىدۇ، بەدەندىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. گەرچە چەتئەلدە قوناقنى يۇقىرىقىدەك تەركىبلەرگە ئايرىپ، كېسەللەرگە ئىشلىتىشكە باشلىغان، ئەمما ئەقىل-پاراسەتلىك دانىشمەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى قوناقنىڭ جۈملىدىن قوناق ئاساس تەركىب قىلىنغان زاغرا ناننىڭ يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يېتىپ ئۇنى دائىملىق ئىستېمالىغا ئايلاندۇرغان. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە زاغرا ناننىڭ بەدىنى ئاجىز، تەستە ھەزىم بولىدىغان تاماقلار ئېغىر كېلىدىغان كىشلەرگە ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇلىدۇ. جىگەرنى ماي قاپلاش، قاندىكى ماينى ئېرىتىپ بەدەندىن سۈرۈپ چىقىرىش مەقسەتلىرىدە بىمارنىڭ كۈندىلىك غىزاسىغا بۇيرۇپ بېرىلىدۇ.
تۈرلۈك راك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە نورمال كىشلەرنى ھەپتىدە بىر قېتىم زاغرا ناننى ئىستېمال قىلىشقا تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ تارقىلىشىنى تىزگىنلەش، ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسەتلىرىدە زاغرا نانغا بىر قىسىم دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكى، ئۆپكە راكى، ئاق قان كېسىلى، جىگەر قېتىش، تال چوڭىيىپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە بۇيرۇلۇپ ئوزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ. قان بېسىمى يۇقىرى، يۈرەك قان تومۇرى تارىيىپ قالغان، يۇقىرى قان بېسىمدىن يۈرەك كىلاپانلىرى كېڭىيىپ كەتكەن بىمارلارغا قان-تومۇرلارنى كېڭەيتىپ قان بېسىمنى چۈشۈرۈش، ديابېت كېسەللىكىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ قاندىكى قەنت مىقدارىنى تىزگىنلەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ماينى ئېرىتىش، بەدەننى تازىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئاساسەن، زىيادە سېمىز كىشلەرنى ئورۇقلىتىش، ئاشقازان ئۈچەي خىزمىتىنى ياخشىلاش، ئاسان سىڭىش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن، ئاشقازان ياللۇغى، ئۈچەي ياللۇغى ۋە يارا كېسەللىكلىرىدە بىمارنى ئوزۇقلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئىستېمال قىلدۇرىدۇ، يەنە ھېرىپ چارچىغاندا زاغرا ناننى قېتىق بىلەن ئىستېمال قىلسا ھاردۇقنى چىقىرىدۇ. زىيادە سەمىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاپ، بۇزۇق ماددىلارنى تازىلايدۇ ۋە تېتىك قىلىدۇ، نورمال كىشلەر، دىيابېت بىمارلىرى زاغرا ناننى كۈندە مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە بۇ سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.
«بىلىم-كۈچ» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاش تۇزىنىڭ 28 خىل ئىشلىتىلىشى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى يەتتە خىل يېمەكلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .