ئاش تۇزىنىڭ 28 خىل ئىشلىتىلىشى

ئاش تۇزىنىڭ 28 خىل ئىشلىتىلىشى

ئاش تۇزىنىڭ 28 خىل ئىشلىتىلىشى

ئاشتۇزى ئادەتتە قورۇما تەمىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانغاندا تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ياراتقىلى بولىدۇ.

1. تۇخۇمنىڭ كونا-يېڭىلىقىنى پەرقلەندۈرۈش. تۇخۇمنى ئىككى قوشۇق تۇز سېلىنغان بىر ئىستاكان سۇغا سالغاندا چۆككىنى يېڭى تۇخۇم، لەيلەپ قالغىنى كونا تۇخۇم بولىدۇ. ئەگەر دەز كەتكەن تۇخۇمنى پىشۇرماقچى بولغاندا، تۇز سېلىنغان سۇدا پىشۇرسا سىرتقا ئېقىپ كەتمەيدۇ، پىشقان تۇخۇممۇ يېڭى، يۇمران بولىدۇ. تۇخۇم چاققاندا ئېقىغا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە تەكشى ھەم تېز ئارىلاشتۇرغىلى بولىدۇ.

2. يېڭى سېتىۋالغان زەنجىۋىل ياكى تۇخۇمنى تۇزغا كۆمۈپ قويسا ئۇزۇنغىچە يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.

3. شېكەر سۈيىگە ئازراق تۇز تۇز سېلىۋەتسە تېخىمۇ تاتلىق بولىدۇ.

4. يېڭى پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى ئازراق تۇز سېلىنغان سۇغا يېرىم سائەت چىلاپ ئىشلەتسە ئاسانلىقچە تىتىلىپ كەتمەيدۇ. يېڭى پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى سوۋۇتۇلغان تۇزلۇق قايناق سۇغا چىلاپ قويسا يەتتە كۈنگىچە ساقلاشقا بولىدۇ.

5. يېڭى گۈمبەمەدەكنى ئازراق تۇز سېلىنغان سۇغا 10 مىنۇت چىلاپ، سۈزۈۋېلىپ قۇرۇتقاندىن كېيىن يېمەكلىك خالتىسىغا سېلىپ قويسا، ئۈچ كۈنگىچە يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.

6. گۈمبەمەدەك ياكى قارا مورنى تۇزلۇق سۇغا بىردەم چىلاپ سۈزۈك سۇدا چايقىۋەتسە قۇم توپىلىرى پاكىز چىقىپ كېتىدۇ.

7. پوستى سويۇلغان ئاناناسنى نېپىز توغراپ تۇز سۈيىگە چىلاپ يېسە تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

8. گۆش يۇيغاندا مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە شۇلتا سېلىپ قايتا-قايتا يۇيسا، گۆش ھەم پاكىز بولىدۇ ھەم غەيرى پۇرىقى يوقايدۇ.

9. شېكەر قوشۇلغان پەمىلدۇردىن قىلغان سوغۇق سەيگە ئازراق تۇز سالسا تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.

10. مېۋە-چېۋە ۋە سەي-كۆكتاتلارنى تۇز سۈيىگە 30-20 مىنۇت چىلىغاندا، ساقلىنىپ قالغان دېھقانچىلىق دورىسىنى چىقىرىۋېتىش ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە مىكروب ئۆلتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

11. توخۇ ۋە ئۆردەكلەرنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن قىززىق تۇز سۈيىگە چىلىسا، پەيلىرىنى تازىلاش ئاسان ھەم پاكىز بولىدۇ.

12. توڭلاتقۇدىن ئېلىنغان توڭ گۆشلەرنى تۇز سۈيىگە چىلىسا تېز ئېرىيدۇ، يېڭى ھەم يۇمرانلىقىمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ.

13. توخۇ، ئۆردەكلەرنى پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كېيىن ئىچى ۋە سىرتىغا تۇز سۇۋاپ كاۋاپ قىلسا تېخىمۇ تەملىك پىشىدۇ.

14. ياڭاقنى تۇز سۈيىگە بىر نەچچە سائەت چىلاپ قويسا، مېغىزىنى ئاسان ئاجراتقىلى بولىدۇ.

15. يېڭى شاپتۇلنى تۇز سۈيىگە بىر مىنۇت چىلىسا تۈكى چۈشۈپ كېتىدۇ، پوستىنى سويۇشمۇ ئاسانلىشىدۇ.

16. پوستى سويۇلغان يېڭى مېۋىلەرنى تۇز سۈيىگە چىلاپ قويسا، يېڭى پېتى ساقلىغىلى بولىدۇ.

17. توغرالغان پىدىگەننى تۇز سۈيىگە 10 مىنۇت چىلىغاندىن كېيىن قورۇسا، قورۇما تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

18. ئاچچىق ھەم قاڭسىق تەملىك ككتاتلارنى توغرىغاندىن كېيىن تۇز سېپىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ قورۇسا، ئاچچىق ھەم قاڭسىق تەمىنى ئاجىزلاتقىلى بولىدۇ.

19. پالەك قايناتقاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە يوپۇرمىقى سارغىيىپ قالمايدۇ.

20. قۇرۇتۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسى (دۇفۇ قېقى) دا پۇرچاق پۇرىقى بولىدۇ، تۇز سۈيىگە چىلاپ قويسا پۇرىقى يوقاپ رەڭگى ئاقىرىدۇ، قۇرۇتۇلغان پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنى قايناتقاندا ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە قېتىپ قالىدۇ، ئۇنى قاينىتىشتىن بۇرۇن سۈيىگە تۇز سېلىۋەتسە قېتىپ قالماي يۇمران پىشىدۇ ھەم تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.

21. يېمەكلىكلەرنى مايدا پىشۇرغاندا قازانغا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە ماي چاچرىمايدۇ.

22. تاتلىق يېمەكلىكلەرنى تەييارلىغان چاغدا شېكەر سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە يېمەكلىكلەر تېخىمۇ تەملىك بولىدۇ.

23. بولكا ساقلاش قاچىسىغا ئاۋۋال تۇز چېچىپ قويغاندىن كېيىن بولكىنى سېلىپ ئاغزىنى يېپىپ قويسا، بولكا قۇرۇشۇپ كەتمەيدۇ، پاختىلىشىپمۇ قالمايدۇ.

24. ئېشىپ قالغان تاماقلارنى ھورداپ ئىسسىتىدىغان چاغدا سۈيىگە بىر قوشۇق تۇز سېلىۋەتسە، ئىسسىتىلغان تاماقلارنىڭ تەمى ئۆزگەرمەيدۇ.

25. ئۇماچ قايناتقاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە كۆپۈك چىقمايدۇ.

26. خېمىر بولدۇرغاندا ئازراق تۇز سېلىۋەتسە خېمىرنىڭ بولۇش ۋاقتى قىسقىرايدۇ، تەمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

27. تۈگرە پىشۇرغان چاغدا قايناۋاتقان سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىۋەتسە، پىزىپ چىققان تۈگرىلەر ئاسانلىقچە يېرىلىپ كەتمەيدۇ، ئۆزئارا چاپلىشىپ قالمايدۇ.

28. چۆپ پىشۇرغان چاغدا قايناۋاتقان سۈيىگە مۇۋاپىق مىقداردا تۇز سېلىۋەتسە، پىشىپ چىققان تۈگرىلەر ئاسانلىقچى يېرىلىپ كەتمەيدۇ، ئۆزئارا چاپلىشىپ قالمايدۇ.

بىراق شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، تۇزنىڭ ئىشلىتىلىدىغان ئورۇنلىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، يۇقىرى قان بېسىمىدىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىنىدىغان تۇزنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىۋەتمەسلىك، يەنى كۈنلۈك ئىستېمال مىقدارى ئالتە گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا دائىم ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەك–ئىچمەك ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى زاغرا نان ۋە سالامەتلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .