دائىم ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەك–ئىچمەك ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىڭ

دائىم ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەك–ئىچمەك ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىڭ 

ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجسىگە قارىغاندا، مەيلى ئۇزاق ياكى قىسقا ۋاقىت ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەك–ئىچمەك ئىستېمال قىلىنسا، سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يېتىدىكەن. ھايۋانلارنى تەجرىبە قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا، چاشقانغا توققۇز كۈن ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگۈزگەندە، ھەرىكەت ئىقتىدارى چوڭ مېڭە ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ كەتكەن.

ئەنگىلىيە ئوكىسفورد ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئالدى بىلەن 42 تەجرىبە چاشقىنىغا ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى بەرگەن، بۇ، ئىنسانلارنىڭ ياغ مىقدارى تۆۋەن بولغان سۇلۇ ۋە قورۇق يەل–يېمىش يېگىنى بىلەن باراۋەر. ئارقىدىن تەتقىقاتچىلار چاشقانلارغا ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بەرگەن، بۇ، ئىنسانلارنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولغان ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى يېگىنى بىلەن ئوخشاش.

نەتىجىدە، ياغ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تەجرىبە چاشقىنى ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن يۈگۈرۈش ماشىنىسىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن: ياغ تەركىبى يوقىرى يېمەكلىكلەرنى يەپ 5–كۈنى ئەڭ ئۇزۇن يۈگۈرۈش ئارىلىقى%30 قىسقىراپ كەتكەن، 9– كۈنى %50قىسقارغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەجرىبە چاشقىنىنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بۇرۇنقىدىن ئۆرلەپ كەتكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئالۇچىنىڭ قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاش تۇزىنىڭ 28 خىل ئىشلىتىلىشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .