كۆكتات ۋە دانلىق زىرائەتلەر ئۇستىخاننى ساغلاملاشتۇرىدۇ

  نۇرغۇن كىشىلەر ھايۋانلارنىڭ ئەزالىرىنى ئىستېمال قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى ئۇ كالتسىي تولۇقلاپ، ئۇستىخان بوشاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇستىخان بوشاپ كېتىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ــ كالتسىي ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، پەقەت كالتسىي تولۇقلىسىلا ئۇستىخان بوشاپ كېتىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئۇستىخان بوشاپ كېتىش كېسىلى ـــ ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئۇ ئوزۇقلۇق، گېن، ئىچكى ئاجراتما ئاجرىتىش ئىقتىدارى ۋە ھەركەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۇستىخاننىڭ ساغلام بولۇشىغا ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تەركىبىدە كالتسىي بىلەن ۋىتامىن D بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆسۈملۈك خاراكتېرلىك يېمەكلىكلەردىكى كۆپ خىل مېنىرال ماددىلار ۋە مىكرو ئېلمېنتلارمۇ بار.

تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، باش پىياز، پالەك، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلسا ئۇستىخانغا پايدىلىق ئىكەنلىكى بايقالغان. تەجىربىلەر ـــ باش پىيازنىڭ ئۇستىجان بوشاپ كېتىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان بىر تۈرلۈك كۆكتات ئىكەنلىكى، ھەمدە پالەك تەركىبىدە كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە كالتسىينىڭ سىرتقا چىقىرىلىشىنى ئازايتىدىغان كۆپ خىل تەركىبلەرنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن ئورگانىزىملاردىكى كىسلاتالىق ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. گۆش يېمەكلىكلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۆپ بولغاندا ۋە ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى كۆپ بولغاندا ئادەم بەدىنىدە كىسلاتالىق ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى كېلىپ چىقىپ، كالتسىينىڭ سىرتقا چىقىرىلىش مىقدارى كۆپىيىدۇ. پالەك قاتارلىق كالىي ۋە ماگنىي مول بولغان يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلغاندا، كىسلاتالىق ئىشقارلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ، كالتسىينىڭ سىرتقا چىقىرىلىش مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. پالەك تەركىبىدە مول ۋىتامىن K بولۇپ، ئۇستىخاندىكى ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەپ، ئۇستىخاننىڭ زىچلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇستىخاننىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇستىخان سۇنۇشنىڭ خېيىم-خەتىرىنى كىچىكلىتىدۇ. كۆممىقوناق تەركىبىدە فوسفور مول بولۇپ، ئادەت توختىغان ئاياللاردا فوسفور يېتەرسىز بولىدۇ، بىراق فوسفور بىلەن كالتسىي مۇۋاپىق نىسبەت ئىچىدە بولسا كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا پايدىلىق.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تۇخۇم يىگەندە نېمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئالۇچىنىڭ قىزىتمىنى قايتۇرۇش رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .