ياڭاق ئەرلەرگە پايدىلىق ئىكەن

شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى خەۋىرى:

بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، ئەرلەر كۈنىگە بىر تال ياڭاق يەپ بەرسە، ئىسپېرمىغا پايدىلىق ئىكەن.
تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارمى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە نورمال يېمەكلىك بەرگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە كۈنىگە 75 گرام ياڭاق بەرگەن، سىناقتىن كېيىن، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقانلارنىڭ ئىسپېرما ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى، جانلىقلىقى، شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە رەڭگىدە ئۆزگىرىش بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، ياڭاق يېگەنلىرىنىڭ ئىسپېرمىسىدا كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان.
دوكتور ۋېندى رودىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ياڭاق تەركىبىدە ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، ئومىگا-3ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئىسپېرمىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش رولى بار ئىكەن. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەي دېسىڭىز «ئۈچ ئاق» نى ئاز يەپ، «ئۈچ قارا» نى كۆپرەك يەڭ! تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاچچقسۇ قەۋزىيەتنى داۋالايدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .