ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر

كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىقمۇ ئۇيقۇنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.


  • خەلق تورى 12-مارت خەۋىرى: تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېرىپ-چارچاشنىڭ تەسىرىدە، نېرۋا جىددىي ھالەتكە ئۆتۈپ، كۆپلىگەن ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئۇيقۇ دورىسى ئىستېمال قىلغاندا، گەرچە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئازابىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مەزگىل ئىشلەتكەندە، ئەكس تەسىرلەنى كۆرسىتىپلا قالماي يەنە، دورىغا تايىنىۋېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىقمۇ ئۇيقۇنى تەڭشەش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ.
    1. كالا سۈتى
    كالا سۈتى تەركىبىدە ئۇيقۇ كەلتۈرۈىدىغان ئىككى خىل ماددا بار، بىرى ترىپتوفان بولۇپ، چوڭ مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرىدىغان نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىسى ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يەنە بىرى فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارنى تەڭشەش رولىغا ئىگە بولغان پېپتىد تۈرىدىكىلەر بولۇپ، بەدەننى ئازادە قىلىپ، ھارغىنلىقتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقتىن خالىي قىلىدۇ؛
    بەدەن ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان نېرا ئاجىزلىق كېسەللىكلىرى بىمارلىرىغا نىسبەتەن، كالا سۈتىنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش رولى تېخى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
    ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچكەندە، ئاسانلا ئۇيقۇنى كەلتۈرىدۇ.
    2. تېرىق
    بارلىق دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ئىچىدە تېرىق تەركىبىدىكى ترىپتوفاننىڭ مىقدارى ئەڭ مول.
    ئۇنىڭدىن باشقا، تېرىق تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كراخمال بار بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مېڭىگە ئېقىپ كىرىدىغان ترىپتوفاننىڭ سانىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
    3. ياڭاق
    ياڭاق ناھايىتى ياخشى بولغان قۇۋۋەت يېمەكلىكى بولۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغان.
    شۇڭا دائىم نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئۇنۇتقاقلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛
    ئادەتتە قارا كۈنجۈت بىلەن ئېزىپ مەلھەم ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن 15 گرام ئىستېمال قىلغاندا، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
    4. گازىر
    گازىر تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىن بار بولۇپ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى تەڭشەپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ قارشى تۇرۇش رولىنى ياخشىلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ؛
    كەچلىك تاماقتىن كېيىن گازىر چاققاندا، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ تاماقنى سىڭدۈرىدۇ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
    5. چىلان
    چىلان تەركىبىدە مول ئاقسىل، ۋىتامىن C، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار بولۇپ، بەش ئەزانى قۇۋۋەتلەپ، مىجەزنى ياخشىلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ؛
    بەدەن ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان كۆپ چۈش كۆرۈش، ئۇيقۇسىزلىق، كاللىسى قالايمىقانلىشىش قاتارلىقلارغا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە؛
    كەچلىك تاماقتىن كېيىن، چىلان سۈيى ئىچكەندە، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
    6. ھەسەل
    ھەسەل بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ؛ نېرۋا ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىققا نىسبەتەن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئىگە.
    7. ئاچچىقسۇ
    ئاچچىقسۇ تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئورگانىك كىسلاتالار بار بولۇپ، ھارغىنلىقنى يوقىتىش رولى كۆرۈنەرلىك؛ بىر قوشۇق ئاچچىقسۇنى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.
    8. نېلۇپەر ئۇرۇقى
    نېلۇپەر ئۇرۇقى نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش ئۈنۈمىگە ئىگە؛
    نىلۇپەر ئۇرۇقى تەركىبىدىكى گلۇكوزىد تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ.
    9. گۈلسامساق
    گۈلسامساق يۈرەكتىكى ئىسسىقلىقنى تازىلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ؛ نېرۋىسى ئاجىز، ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ؛
    ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى: 60-90 گرام گۈلسامساق، 1-2 قوشۇق ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ پىشۇرۇپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
    10.            ئۇسۇڭ
    ئۇسۇڭ پوستىدا بىر خىل سۈت رەڭ يېپىشقاق سۇيۇقلۇق بار بولۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە؛
    نېرۋا ئاجىزلىقتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىق كېسەللىكلىرى بىمارلىرىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ؛
    11.            بۇغداي ئۇنى بولكىسى
    ھەسەل سۈيى ئىچكەندە، بىر پارچە بۇغداي ئۇنى بولكىسىنى قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، ئىنسۇلىننىڭ ئاجرىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ؛
    ئىسنۇلىن چوڭ مېڭىدە سېروتونېنغا ئايلىنىپ، ترىپتوفاننىڭ چوڭ مېڭىگە تەسىر كۆرسىتىشىگە ياردەملىشىپ، ئۇيقۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


  •  

ئالدىنقى ماقالىمىزدا گۈرۈچ يۇيغان سۇنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىلىشى !! تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاچ قورساق ۋاقىتتا يېيىشكە بولمايدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .