گۈرۈچ يۇيغان سۇنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىلىشى !!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىڭلارغا ئاللانىڭ سالىمى يار بولسۇن !!!!!!
خىلى بوپ قويدىغان ئۇسۇللار باركەن ، كۆرۈپ بىقىڭ پۇل كەتمىگەندىكىن ئەزقىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،

ئەپچىل چارە

گۈرۈچ يۇغان سۇنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە ئۇنىڭ رولى !!!

(1) گۈرۈچ يۇيغان سۇدا قولىڭىزنى يۇيسىڭىز تېرىنى سىلىقلاپ ، پارقىراق قىلىدۇ .
(2)گۈرۈچ يۇيغان سۇدا ئېغىزىڭىزنى چايقىسىڭىز ئېغىز پۇراش ، ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى داۋالايدۇ .

(3)پىچاق قاتارلىق تۆمۈردىن ياسالغا نەرسىلەرنى گۈرۈچ يۇيغان سۇغا چىلىغاندا داتلاشمايدۇ ، داتلاشقان تەقدىردىمۇ ئاسان سۈرتىۋەتكىلى بولىدۇ .
(4)گۈرۈچ يۇيغان سۇدا ئازوت ، فوسفور ، كالىي مول ، گۈل-گىياھ ، كۆكتاتلارغا قۇيغاندا ئۇلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ .
(5)گۈرۈچ يۇيغان سۇدا دېرىزە ، كۈلدان ، لامپۇچكا ، چىنە-تەخسە ، ماي قاچىسى ، بامبۇكتىن ياسالغان نەرسىلەرنى يۇيغاندا داغنى چىقىرىپ ، پاكىز تازلاپ ، پارقىراق قىلىدۇ .
(6)گۈرۈچ يۇيغان سۇغا لامنارىيە ، سىيا بېلىق ، قۇرىغان بامبۇك نوتىسىنى چىلىغاندا ئاسان كۆپتۈرگىلى ، تازلىغىلى ، ئاسان پىشۇرغىلى بولىدۇ .
(7) ئەمبەلنى گۈرۈچ يۇيغان سۇغا چىلاپ ، ئاندىن تۇزدا سۈرتكەندە پاكىزلىغىلى بولىدۇ .
(8) ئاق كىيىمنى گۈرۈچ يۇيغان سۇغا چىلىغاندا ساغىرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
(9) قۇتىغا گۈرۈچ يۇيغان سۇنى قاچىلاپ ، ئۇنىڭغا بىر قانچە تامچە تىرى خىلورۇفۇن تېمىتىپ ، بۇلۇڭغا قويۇپ قويغاندا قۇرتنى قۇتا ئىچىگە تۇخۇم قويدۇرغىلى ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى يوقاتقىلى بولىدۇ .
(10) سارغىيىپ قالغان يىپەك كىيىمنى پاكىز گۈرۈچ سۈيىگە چىلاپ ، ھەر كۈنى بىر قىتىم سۈيىنى ئالماشتۇرغاندا ئىككى-ئۈچ كۈندىن كىيىمدىكى سېرىقنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

مەنبە : شىنجاڭ دىھقانلار گىزىتى 2013-يىللىق سانىدىن ئىلىندى .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا چاچ قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى بىلەمسىز ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۇيقۇنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .