چاچ قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى بىلەمسىز ؟

پاقىراق ۋە ئېلاستىكىلىقى بار چېچى بولۇش ئاياللارنىڭ مەڭگۈلۈك ئارزۇسى بولسا كېرەك ، چاچنى تاشقى جەھەتتە ئاسراش ئارقىلىقمۇ ئۇنى پاقىراق ھالاتتە ساقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . بىراق ئۇنى ئىچكى جەھەتتە قۇۋۋەتلەش يەنىلا ماھىيەت جەھەتتە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
گۆش تۈرىدىكىلەر چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ئالاقىدار تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بايقىلىشىچە كۆش تەركىبىدىكى سىنك ھۈجەيرىلىرىنىڭ قايتا ئۆسىشىنى تېزلىتىدىكەن ، تەركىبىدە سىنك مىقدارى مول بولغان يىمەكلىكلەردىن يەنە بۇغداي تۈرىدىكى دانلىق زىرائەتلەرمۇ بار .
بۆلجۈرگەن ، شوخلا قىيامى باش تېرىسىنى قۇۋۋەتلەيدۇ
ۋىتامىن c ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ، قان سۇيۇقلىقى تېرە ۋە باش تېرىسىنى ناھايىتى ياخشى سىلىقلاپ ۋە شۇ ئارقىلىق چاچ ۋە باش تېرىسىدىكى ياغ قەۋىتىنىڭ ياخشى ساقلىنىشىغا ياردەم بېرىپ ، چاچنى پاقىراق ۋە ساغلام قىلىدۇ . ۋىتامىن c بۆلجۈرگەن ، شوخلا قىيامى قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ .
گۈمبەمەدەك ، تۇخۇم چاچ سۈپىتىنى ياخشىلايدۇ
گۈمبىمەدەك تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى مول رېئاكتېۋ بولۇپلا قالماستىن ، يەنە مول پانوتېنىك كىسلاتاسىمۇ بار . ئۇ چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىدا دائىم ئىشلىتىدىغان ئۇزۇقلۇق تەركىبى بولۇپ ، باش تېرىسى ۋە تۈك خالتىسىنىڭ قان ئايلىنىشى ۋە ماددا ئالماشتۇرىشىغا پايدىلىق .
پانوتېنىك كىسلاتاسى چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ، تۇخۇم بىلەن قوناق تەركىبىدىمۇ مول پانوتېنىك كىسلاتاسى بار .


مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ئارىلاپ قېتىق ئىچىپ تۇرۇڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گۈرۈچ يۇيغان سۇنىڭ رولى ۋە ئىشلىتىلىشى !! توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .