سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ئارىلاپ قېتىق ئىچىپ تۇرۇڭ

 

قېتىق ئىستېمال قىلىش خەلىقمىز ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان يېمەكلىك ئادىتى بولۇپ،ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىن قېتىقنى بەدەنگە ھۆللۈك پەيدا قىلىش،تەشنالىقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيەتلىرىگە ئاساسەن تەن،ئىچ سۈرۈش،قىزىتما قاتارلىقلار كۆرۈلگەن كىشىلەرگە ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

قېتىق تەركىبىدە سۈت كىسلاتاسىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مىكروبقا قارىشى ماددىلار بار بولۇپ،ئۇلار ئۈچەي يوللىرىدىكى كېزىك،تولغاق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان مىكروبلارنى يوقىتىش رولنى ئوينايدۇ،داۋاملىق قېتىق ئىچىپ تۇرغاندا ئادەمنى ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىدىن ساقلايدۇ،قېتىق كېسەلچان،ياشانغان،ئاجىز كشىلەر ئۈچۈن ۋە بوۋاقلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق بولالايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قېتىق تەركىبىدىكى ماددىلار بەدەندىكى خولېستېرولنىڭ قويۇلۇش دەرىجىسىنى تەڭشەپ،قاندىكى خولېستېرول مىقىدارىنى چۈشۈرىدۇ،بۇ ئارقلىق ئارتېرىيە قېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،يۈرەك قان تومۇر ستېمىسى كېسەللىكلىرىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ،يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش ئېھتىمالى بولغان،قان تومۇرلىرى قېتىشىقا باشلىغان كىشىلەر داۋاملىق ئىستېمال قىلپ تۇرسا،يۈرەك كېسەللىكى ۋە مېڭىگە قان چۈشۈش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ،قاندىكى خولېستېرول مىقىدارى يۇقىرى كىشىلەر1-2ھەپتە ئۇد اقېتىق ئىچىدىغان بولسا،خولېستېرول مىقىدارى%10ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ،شۇڭا چەت ئەللەردە ھەر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن 30گرامدىن قېتىق ئىچىش ئادەتكە ئايلانغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قېتىق تەركىبىدىكى سۈت كىسلاتاسى ئۈچەي يوللىردىكى چىرىتكۈچى مىكروبلارنىڭ زەھەر ئىشەپچىقىرىشىنى تورمۇزلايدۇ،شۇڭا قېتىقنى ئۇزاق مۇددەت ئىچىپ بەرگەندە(بەدەننى شۇ خاراكتېردىكى زەھەرلەردىن ساقلاپ ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ)دەپ قارالماقتا. ئىز تورى www.iz.la

مەنبە؛(ئىلمي ئوزۇقلىنىش)دېگەن كىتابتىن ئېلىندى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۈچەي يولىنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى چاچ قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى بىلەمسىز ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .