ئۈچەي يولىنى تازىلايدىغان يېمەكلىكلەر

سىنا ساغلاملىق تورىنىڭ 21-فېۋرال خەۋىرى:

1. كىرىست گۈللۈك كۆكتاتلار.

چېچەك سەي، يېىسىۋىلەك قاتارلىق كىرىسىت گۈللۈك كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە بىر خىل خىمىيىلىك ئۆسۈملۈك ماددىسى-تىئوسىئانات بولۇپ، ئۈچەي يولىدىكى ئەخلەتلەرنى تازىلاشقا پايدىسى بولۇپلا قالماستىن يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. كۆپ مىقداردىكى ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، جۇڭشەن ئۇنۋېرسىتىتى ئاممىۋى تازىلىق ئىنىستىتۇتى تروفولوگىيىە فاكۇلتىتىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى فېڭ شىياڭنىڭ تەكلىپ بېرىشىچە، بۇ خىل كۆكتاتلارنى بەك ئۇزۇن ۋاقىت پىشۇرۋەتمەسلىك لازىم. چېچەك سەينى ئۆز پېتى قورۇشقىمۇ سوغۇق سەي قىلىپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

2. پىياز

ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار بىلەن كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەر بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كېسەل پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيە پايدىلىق زەمبۇرۇغنى پارچىلىغاندا، ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈشتەك كۆپ خىل مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۈچەي يولىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلارغا يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار بىلەن تەمىنلەش، غىندىقلىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەركىبىدە قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال قىلىش كېرەك. پىياز بۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر. بۇنىڭدىن سىرىت، پىيازنىڭ يەنە راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خولېستېرولنى تۆۋەنلىتىش، قان تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق رولى بار. تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، پىيازنى خام يېيىشنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، سوغۇق سەي قىلىپ يېيىشكىمۇ سالاتنىڭ ئارىسىغا ئارىلاشتۇرۇپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. قوي كالا گۆشلىرى قاتارلىق ياغلىق تەمى ئېغىر يېمەكلىكلەرنى يېگەندىمۇ بىللە قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

3. سامساق

سامساقنىڭ تەركىبىدە سامساق ماددىسى، بىرخىل باكتېرىيەگە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك ماددا بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ئاشۇرۇۇش، مېتابولىزىم ئېلىپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھارغىنلىقىنى پەسەيتىش قاتارلىق رولى بار. سامساقنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «خام ۋە ئېزىلگەن سامساق يېيىش» پىرىنسىپىغا بويسۇنغان ئاساستا، خام سامساقنى سوغۇق سەي ياكى چانالغان سامساق قىيامى قىلىپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

4. پۇرچاق تۈرى.

پۇرچاقنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردىكى ئېرشىچان تالا بولۇپ، يېمەكلىكىڭ ئۈچەي يولىدا ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قېلىشنى ئازايىتىپ، قەزىيەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بوغاماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار. سېرىق پۇرچاق، قارا پۇرچاق قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردىكى لېتسىتىن ياغ پارچىلاشتىكى «ئۇسىتىسى» بولۇپ، ياغ ھەيدەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانسىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى سوڭ شىننىڭ تەكلىپ بېرىشىچە، ئۇماچ تۈردىكى يېمەكلىكلەر بىلەن پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ يېگەندە، ئاقسىلدىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى %73 يۇقىرى كۆتۈرلىگىلى بولىدۇ. گۆش بىلەن ئوخشاش ئوزۇقلۇق مىقدارىغا ئىگە بولۇپ، ئايرىم يېگەنگە سېلىشتۇرغاندا ئاقسىلدىن پايدىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.

5. لامىنارىيە (خەيدەي)، قارا قېرىنقۇلاق قاتارلىق يېمەكلىكلەر.

بۇلارنىڭ تەركبىدە كۆپ مىقداردىكى ئۆسۈملۈك يىلىمى بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى كېرەكسىز ماددىلارنىڭ ھەيدىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەۋزىيەتنى ئازايتىش، ئۈچەي يولىنى تازىلاش رولىغا ئىگە ئادەم بەدىنىدىكى مېتابولىزىم ئېلىپ بېرىشتىكى ياخشى ياردەمچى. لامىنارىيەنى سۇدا پىشۇرۇپ، قورۇپ ياكى سوغۇق سەي قىلىپ يېسىمۇ تەمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. پىشۇرغاندا بىر نەچچە تېمىم ئاچچىقسۇ تېمىتۋەتسە تەمىنى تەڭشەشتىن باشقا يەنە كالىتسىينىڭ سۈمۈرۈلىشىگە پايدىسى بار.

6. گۈرۈچ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر.

فېڭ شىياڭنىڭ دېيىشىچە، سۇلۇ، يىرىك گۈرۈچ قاتارلىق گۈرۈچ تۈرىدكى يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە مول مىقداردىكى ئېرشچەن ئوزۇقلۇق تالالىرى بولۇپ، خولېتسېرىننى تۆۋەنلىتىش، ئاشقازان ئۈچەينى تازىلاش، قان قەنتىنى تەڭشەش رولى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە ئۈچەي يولىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى ھەيدەش رولى بار. بۇنىڭدىن سىرىت، بۇ تۈردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ پىششىقلىنىش ئاز بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىسىمۇ مول، لېكىن تەمى ئادەتتىكىدەك بولۇپ ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىش مۇھىم. سوڭ شىننىڭ تەكلىپ بېرىشىچە، گۈرۈچنى دۈملىگەندە ئازراق يىرىك گۈرۈچ قوشۇۋېتىش، گۈرۈچ ئۇمىچى، پۇرچاق سۈتى تەييارلىغاندا ئازراق سۇلۇ قوشقاندا، ئوزۇقلۇقنىڭ يېڭىلىنىشى بىلەن بىرگە تەمىمۇ ياخشى بولىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ناشتىلىق ھەققىدە ئىككى كەلىمە تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ئارىلاپ قېتىق ئىچىپ تۇرۇڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .