غىزالىنىش قائىدىلىرىنى سىز قانچىلىك بىلىسىز؟

1) تاماقنى ئۆز ۋاقتىدا يېيىش، بەك تويغىچە يېمەسلىك كېرەك.
2) قورساقنى ھەددىن زىيادە تويغۇزماستىن، ئازراق يېگۈسى بار ۋاقتىدا توختىتىش
كېرەك.
 3) تاماقنىڭ سۈپىتى ياخشى، شەكلى كۆركەم، تەملىك، خۇش پۇراق بولغىنى ياخشى. بۇزۇلغان ۋە چىرىگەن بەدبۇي يېمەكلىكلەرنى، ئىسسىق كۈنلەردە تۆت سائەتتىن ئارتۇق تۇرۇپ قالغان تاماقلارنى يېمەسلىك كېرەك. چۈنكى، بۇنداق تاماقلاردا ھەرخىل مىكروبلار ئاسان كۆپىيىپ تاماقتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
 4) تاماق يېگەندە ئالدى بىلەن ئاسان سىڭىدىغان سۇيۇق تاماقلارنى يېيىش، كېيىنچە تەستە سىڭىدىغان كۈچلۈكرەك تاماقلارنى يېيىش لازىم. تاماقنى يېگەندە ئالدىرىماي ئوبدان چايناپ يېيىش كېرەك. چۈنكى، تاماقنىڭ تۇنجى ھەزىمى ئېغىزدا باشلىنىدۇ. چايناش ۋە شۆلگەي بەزلىرى سۇيۇقلۇقلىرنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تاماقنىڭ تەركىبى ئۆزگىرىپ ھەزىمگە لايىقلىشىدۇ. چالا چايناپ ئالدىراپ يۇتۇۋەتكەن تاماقلار ئاشقازاننى ئاغرىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ خىزمىتىنى بۇزىدۇ.
 5) تاماق يېگەن ۋاقىتتا كۆڭۈل ئوچۇق، خۇشال-خۇرام كەيىپىيات ئىچىدە يېيىش كېرەك. غەمكىنىلىك، غەزەپلىك ۋە ئۈمىدسىزلىك كەيىپىياتتا يېگەن تاماق ئوبدان ھەزىم بولمايدۇ ھەم بەدەنگە قوبۇل قىلىنمايدۇ.
6) تاماق يېڭى پۇشۇرۇلغان، يۇمشاق ۋە سىڭىشلىك بولۇشى لازىم. كونا، قاتتىق-
 قۇرۇق تاماقلار، شۇنىڭدەك بەك قىزىق تاماقلار ئاشقازاننى  غىدىقلاپ، ئۇنىڭ دىۋارلىرىنى زەخىملەندۇرىشى، ھەتتا راك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

7) كېچە-كۈندۈزلۈك تاماقنىڭ نىسبىتى: بىر كۈندە تۆت قېتىم، تاماق يېگەندە،
مىقدارى ئازراق بولغىنى ياخشى. ئەتىگەندە سۈت، قايماق، ئازراق تاتلىق
يېمەكلىكلەر، يۇمشاق نان ۋە بىر دانە تۇخۇم؛ چۈشتە گۆشلۈك شورپا؛ كەچتە
يەڭگىلرەك تاماق يېيىلسە بولىدۇ. ئۇزۇن كېچىلەردە كېچىسىمۇ ئازراق تاماق يېسە بولىدۇ. بۇنداق تاماقلارنى يېگەندىن كېيىن، ئازراق ھەرىكەت قىلىپ ئاندىن ئىشلەش لازىم. لېكىن، كۈنىگە ئىككى قېتىملا تاماق يەپ قورساقنى تويغۇزۇپ ئادەتلەنگەنلەر،تاماقتىن كېيىن بىر سائەت ئارام ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق ۋاقىتتا قورساقنى چىڭ تويغۇزۇپلا جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلىش ياخشى ئەمەس.
8) تاماق يېيىشتىن ئىلگىرى ياكى تاماقتىن كېيىنلا ئۇسسۇزلۇق ئىچىش ئانچە
 ياخشى ئەمەس. يېمەكلىك يەپ بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن، ئۇسسۇزلۇق ئىچىش
پايدىلىق. قىزىق تاماق يەپ تۇرۇپ، بەك سوغۇق سۇ ئىچمەسلىك لازىم. ئىچىدىغان ئۇسسۇزلۇقنىڭ قىزىقلىقى تاماق قىزىقلىقىنىڭ دەرىجىسىگە تەڭ ياكى يېقىنراق بولۇشى لازىم.
9) كۆكتات يىگەندە، ئاز-تولا سۈت ئىچكەن ياخشى. چۈنكى، سۈت ھايۋانى ئوزۇقلۇق
بولۇپ، كۆكتات بىلەن ئوبدان كېلىشىدۇ، كۆكتاتلارنى كۆپ يەيدىغانلار سۈتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى لازىم. ئېمىتىۋاتقان بالىلارنى پەقەت سۈت بىلەنلا بېقىپ، ئۇلارغا كۆكتات ۋە گۆش، ياغلىق تاماق يېگۈزمەسلىك ياخشى ئەمەس. بۇنداق بالىلارنىڭ تېنى ساغلام بولمايدۇ ياكى كېسەلچان بولۇپ قالىدۇ.
10) ھەر قانداق ئاقسىللىق تاماقنى يىگۈچىلەر ئازراق مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يەپ
تۇرۇشى لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا قان ئازلىق كېسىلى كېلىپ چىقىدۇ. قوغۇن-
 تاۋۇزنى كۆپ يېگەندە، گۆش ۋە شورپىلارنىمۇ يەپ-ئىچىپ تۇرۇشى لازىم. چۈنكى، قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق بەزى مېۋىلەرنىڭ بەدەندىكى ياغ ماددىسىنى ئېرىتىش ۋە سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋىتىش رولى كۈچلۈكرەك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا گۆش-ياغ تەلەپ قىلىنىدۇ. مېۋە-چېۋىلەرنى ئوبدان ھەزىم
قىلالمايدىغانلار ئالما، ئانار، ئامۇت، لىمۇن، پورتىخال قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سۈينى چىقىرىپ ئىچسە بولىدۇ، توڭ، چىرىگەن مېۋىلەر ۋە خام سەيلەرنى ھەرگىز يېمەسلىك لازىم. چۈنكى، بۇ ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدۇ.

11) گۆش، بېلىق، سۈت، قايماق قاتارلىق ئاسان چىرىيدىغان نەرسىلەرنى يېيىشكە بەك دىققەت قىلىش لازىم. ئازراق بۇزۇلغان يېمەكلىكلەر زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غىزا يەپ بولغاندىن كېيىن، بىر سائەتتىن يېرىم سائەت ئەتراپىدا سەيلە- ساياھەت قىلىنسا تاماق ياخشى ھەزىم بولىدۇ. تاماق يەپ بولۇپلا غۇسلى قىلىش ( يۇيۇنۇش)، جىنسىي ئالاقە، ئېغىر ئەمگەك، كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىش زىيانلىق.
 12) بىر خىل تاماقنى بىر كۈندە3 ~2 قېتىم يېمەسلىك ياكى ھەر كۈنى بىر خىللا
تاماق يېمەسلىك لازىم. تاماقلارنىڭ تۈرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش كېرەك. ئۇنداق
 قىلمىغاندا ئىشتىھا تۇتۇلۇش ۋە ھەزىم بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر قېتىمدا قاتتىق-يۇمشاق، ئىسسىق-سوغۇق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان،تەستە ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، سۈت بىلەن بېلىق، قوغۇن بىلەن قېتىق قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ يېمەسلىك لازىم .
13) ياشانغان كىشلەر غىزاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە تاماقنى ئاز-ئاز، پات-پات
 يەپ تۇرىشى لازىم، 50~40 ياشتىن ئۆتكەنلەر توخۇمنى بەك كۆپ يېمەسلىكى لازىم.
14) كېچىدە تاماق يېيىشكە توغرا كەلسە، تاماق يەپلا ئۇخلىماسلىق لازىم. بۇنداق
قىلىنسا ھەزىم بۇزۇلىدۇ، كېچىسى تاماق يېگەندىن كېيىن 2~1 سائەت ئۇخلىماسلىق كېرەك.
15) ياز كۈنلىرى تاماق يېگەندە تاماقنىڭ ئالدىدا يۇيۇنۇش پايدىلىق. لېكىن، تاماق يەپ بولغاندىن كېيىنلا مۇنچىغا چۈشۈش، چاچ چۈشۈرۈش ياخشى ئەمەس، بۇنداق ئىشلارنى تاماق يەپ  2~1 سائەتتىن كېيىن قىلغان ياخشى.
16) تاماقنىڭ پاكىزلىقى، قاچا-قۇمۇچ ۋە لۆڭگە، داستىخانلارنىڭ پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم. تاماق يېيىشنىڭ ئالدى-كەينىدە قولنى سوپۇنلاپ يۇيۇش، پاكىز قوشۇق، چوكا، پىچاق ۋە باشقا سايمانلارنى ئىشلىتىش كېرەك. داستىخان ۋە قاچا- قومۇچنىڭ رەڭگى ئامال بار ئاق رەڭلىك بولغىنى ياخشى. چۈنكى، ھەر خىل رەڭلەرنىڭمۇ ئادەم روھىغا تەسىرى بار. قول بىلەن تاماق يېگەندە قولنىڭ، بولۇپمۇ تىرناق ئارىلىقلىرنىڭ تازلىقىغا دىققەت قىلىش لازىم.
17) مۇمكىنقەدەر ھەربىر ئادەم تاماقنى بىردىن كىچىك قاچىغا بۆلۈپ يېگەن ياخشى.
ئىككى، ئۈچ ئادەمنىڭ بىر قاچىدا تاماق يېيىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنداق بولمىغاندا كېسەللىك ئۆز-ئارا يۇقىدۇ. باشقىلاردىن ئاشقان تاماقلارنى يېمەسلىك لازىم.
18) تاماققا ھاشارەتلار چۈشۈش ۋە توپا-چاڭ قونۇشتىن ساقلىنىش لازىم، بۇنىڭدىن خەتەرلىك كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ. تاماقلارغا توپا-چاڭلار ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ
چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۈستى يېپىق بولۇشى كېرەك.
19) ئاشخانا ۋە تاماق يەيدىغان ئۆي ناھايىتى پاكىز ئاقارتىلغان، ھاۋالىق بولىشى، ھەرخىل بەدبۇي گاز ۋە بۇسلار بولماسلىقى كېرەك. ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش ياخشى. قالايمىقان ئولتۇرۇپ يېگەن تاماقلار ياخشى ھەزىم بولمايدۇ.
20) تاماق يەيدىغان قاچىلار چىنە، فارفۇر، سىلىق قاچا بولۇشى لازىم. مىس، تۆمۈر، ئاليۇمىن، سۇلياۋ قاچىلاردا تاماق يېمەسلىك، ئەگەر مىس قاچىدا تاماق يېيىشكە توغرا كەلسە قەلەيلەنگەن بولۇشى لازىم. چۈنكى، قەلەيسىز مىس قاچىدا تاماق يېگەندەياكى سۇ قاينىتىپ چاي ئىچكەندە مىس تەسىرى بىلەن كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئورالغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئوزۇقلۇق بەلگىسىگە قاراڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى قەھۋە ۋە دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .