ئورالغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئوزۇقلۇق بەلگىسىگە قاراڭ

كۆپلىگەن كىشى قۇتىلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشكە ئامراق. لېكىن، شۇ ئىچىملىك تەركىبىدە قانچىلىك ئىسسىقلىق بارلىقىغا دىققەت قىلىدىغانلار ئاز. ئەگەر يېرىم سائەت تېز مېڭىپ 150 كىلوكالورىيە ئىسسىقلىق خورىسا، ئەمما ئىچكەن 330 مىللىلىتىر ئىچىملىكىڭىزنىڭ تەركىبىدە 174 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە بولسا، ئۇنداقتا بىھۇدە ھەرىكەت قىلغان بولىسىز. چۈنكى ئاران تەستە خوراتقان ئىسسىقلىقىڭىز يەنە شۇ قۇتا ئىچىملىك بىلەن تولۇقلىنىدۇ.

   يېمەكلىك بەلگىسىدىكى ئوزۇقلۇق ئۇچۇرلىرى ئىستېمالچىلارنى مۇۋاپىق بولغان يېمەكلىك تاللىشى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئۇلارنىڭ تويۇنغان ماي، خولېستېرىن ۋە ناترىيلارنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئازايتىپ، يېمەكلىك تالالىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىنى كۆپەيتىدۇ، بۇ بولسا يېمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى ئۇسۇل.

   يېمەكلىكلەردىكى ئوزۇقلۇق بەلگىسى ئورالغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمالچىلارغا تەمىنلىنىدىغان يېمەكلىك ئوزۇقلۇق ئۇچۇرلىرى ۋە خۇسۇسىيەت چۈشەندۈرۈلۈشى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىستېمالچىلار يېمەكلىك ئوزۇقلۇق تەركىبى، خۇسۇسىيىتىنى بىۋاسىتە چۈشىنىۋالالايدۇ. دۆلىتىمىز يېمەكلىك ئوزۇقلۇق بەلگىسى كۆرسەتمىلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سەھىيە مىنىستىرلىقى ‹‹ئورالغان يېمەكلىكلەر ئوزۇقلۇق بەلگىسى ئومۇمىي قائىدىسى››نى تۈزۈپ ، 2013 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويدى.

   ‹‹ئورالغان يېمەكلىكلەر ئوزۇقلۇق بەلگىسى ئومۇمىي قائىدىسى›› نىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە، ئورالغان يېمەكلىكلەرنىڭ بەلگىسى ئۈستىدە تۆت خىل ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە ئېنېرگىيەسى (1+4) مىقدارى شۇنداقلا تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىگىلىگەن پايدىلىنىش قىممىتىگە (NRV) قارىتا مەجبۇرىي ھالدا كۆرسەتمە بېرىشى كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ‹‹4›› يادرولۇق ئوزۇقلۇق ماددىسى، يەنى ئاقسىل، ماي، كاربون – سۇ بىرىكمىلىرى، ناترىي قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، ‹‹1›› ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدۇ.

   ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلى بولسا ئۈچ خىل مەزمۇندىن تەركىب تاپقان جەدۋەل بولۇپ، ئوزۇقلۇق تەركىبى نامى، مىقدارى، ئوزۇقلۇق ماددىسى ئىگىلىگەن مىقدارىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى قىسقارتىلىپ (%NRV) قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئوقۇغان ۋاقىتتا ئوزۇقلۇق تەركىبى مىقدار قىممىتىنىڭ ھەر 100 گىرام (مىللىلىتىر) يېمەكلىك مىقدارىغا ئاساسەن بېرىلگەن ياكى ھەر بىر پارچە يېمەكلىك بويىچە بېرىلگەنلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر ھەر بىر پارچە يېمەكلىك بويىچە بېرىلگەن بولسا، يەنە ھەر بىر پارچە يېمەكلىكنىڭ ئېغىرلىقىغا دىققەت قىلغاندا، يېمەكلىك ئوزۇقلۇق ئۇچۇرىنى تېخىمۇ توغرا بىلىشكە پايدىسى بار.

   مەسىلەن، مەلۇم ماركىلىق 100 مىللىتېر كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە 279 كالورىيە ئىسسىقلىق، %3 ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددا؛ ئۈچ گىرام ئاقسىل، %5 ھەر خىل ئوزۇقلۇق؛ 3.7 گىرام ياغ، %6 ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددا بار دەپ قارىساق، ئەگەر سىز 100 گىرام سۈت ئىچسىڭىز بەدىنىڭىزگە كېرەكلىك بىر كۈنلۈك ئاقسىلنىڭ %5ىنى تولۇقلىيالايسىز دېگەن گەپ.

   قانداق قىلغاندا ئۆزى يېگەن مەلۇم يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇق مىقدارىنى بىلگىلى بولىدۇ؟

   مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەۋسىيەسى: ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىگە ئاساسەن، ھېسابلىغۇچ ئارقىلىق ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئالدى بىلەن بىر ئورالما ياكى بىر پارچە يېمەكلىكنىڭ مىقدارىغا قاراپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق تەركىبى جەدۋىلىدىكى مىقدار سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن ئۆزئارا كۆپەيتكەندە، شۇ خىل يېمەكلىكنى يېگەندىن كېيىن قانچىلىك ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇق تەركىبى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلىرىنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى نىسبىتىنى بىلىۋالالايمىز


ئالدىنقى ماقالىمىزدا غىزالىنىشتىكى بەش يۈزلىنىش تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى غىزالىنىش قائىدىلىرىنى سىز قانچىلىك بىلىسىز؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .