غىزالىنىشتىكى بەش يۈزلىنىش

قەنىت تەركىبى ئاز بۇلۇش ؛ قەنىت ئارتۇق ئىستېمال قىلىنسا ئادەمنى سەمىرىتىۋېتىدۇ ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ، بالىلار قەنىتنى كۆپ ئىستېمال قىلسا تېنىگە زىيانلىق .

تۇز ئاز بۇلۇش ؛ تۈز ئارتۇق ئىستېمال قىلىنسا ، قان تومۇر قېتىشىدۇ ، ئېلاستىكىلىق تۆۋەنلەيدۇ ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلايدۇ .

مۇزلىتىلىغان يېمەكلىك ؛ مۇزلىتىلغان يېمەكلىكنىڭ قۇۋۋەت تەركىبى بۇزۇلمىغان بۇلىدۇ ھەمدە ئۇزۇن ساقلىغىلى بولىدۇ .

خىمىيىلىك ماددا ئىشلەتمەسلىك ؛ يېمەكلىككە رەڭ بەرگەندە خىمىيىۋىلىك رەڭ ئىشلەتمەي ، تەبىئىي مېۋىلەردىن ئېلىنغان رەڭلەرنى ئىشلىتىش . شۇنداق قىلغاندا ، ياسالغان يېمەكلىكنىڭ رەڭگى يېڭى ، تەمى ئوبدان ھەمدە تەنگە پايدىلىق بولىدۇ .

يېمەكلىكنىڭ تەبىئىي تەركىبىنى ساقلاش ؛ يېمەكلىكنى ياساش جەريانىدا ، يېمەكلىكنىڭ ئۆزىدىكى قۇۋۋەت تەركىبىنى بۇزۇۋەتمەسلىك .

مەنبە؛ ساغلاملىق سوۋغىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا پىشۇرۇلغان ئالمىنىڭ ئاجايىپ رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئورالغان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالغاندا ئوزۇقلۇق بەلگىسىگە قاراڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .