ئەل ئىچىدە: «ئالمىنى سۇدا پىشۇرۇپ يېسە ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار

خاربىنلىق تېۋىپ ليۇ يۇڭ بۇ رېتسېپنى قوللاپ مۇنداق دېدى: «ئالمىنى سۇدا پىشۇرۇپ يېيىشنىڭ ھەقىقەتەن شۇنداق رولى بار، چۈنكى ئالمىدىكى تاننىك كىسلاتا ئۈچەيدىكى سۇنىڭ مىقدارنى ئازايتىپ، ئىچ سۈرۈشنى چەكلەيدۇ، ئالمىدىكى مېۋە يىلىمى پىشۇرۇلغاندىن كېيىن رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچى سۈرۈشنى پەسەيتىدۇ».

ليۇ يۇڭ يەنە مۇنداق دېدى: «ئالمىنى سۇدا پىشۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى بەك ئاددىي: ئالمىنى سۇدا يۇيۇۋېتىپ سويمايلا ئۇششاق پارچىلايمىز، ئاندىن ئۇنى ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە سۇدا پىشۇرىمىز، ئاخىرىدا سۈيى ئىلمان ھالەتكە كەلگەندە، كۈندە ئىككى ۋاقتىن ئۈچ ۋاققىچە 30 گىرامدىن ئىچىمىز.

ئالمىنى بۇنداق پىشۇرۇپ يېيىشنىڭ يۈرەكنى قۇۋەتلەش، تومۇر سوقۇشنى نورماللاشتۇرۇش، ئاشقازاننىڭ رولىنى كۈچەيتىش، قاندىكى خولېستېرىن ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ».


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھەر كۈنى قەھۋە ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى غىزالىنىشتىكى بەش يۈزلىنىش توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .