ئامېرىكا پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ بايقىشىچە، ھەر كۈنى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە، جىگەر قېتىشىش يۈز بېرىشنىڭ نىسبىتىنى %22 تۆۋەنلىتىشكە بولىدىكەن

شۋېتسىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بەرسە، جىگەر راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى %43 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، قەھۋە جىگەرنى ئاسرايدۇ، دەپ كۆپ ئىچىشكە بولمايدىكەن. چۈنكى قەھۋەدە كوففىئىن كۆپ بولغانلىقتىن كالتىسىينى چىقىرىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوڭايلا سۆڭەك شالاڭشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بولۇپمۇ كىلىماكتېرىيە (ھەيز كېسىلىش) دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار تېخىمۇ ئېھتىياتجان بولۇشى كېرەككەن.

ئۇنىڭدىن باشقا كوففىئېن ماددىلارنى جىگەر ئارقىلىق ئاجرىتىدىغانلاردىن بىرى. لېكىن جىگەر ئىقتىدارى ساغلام بولمىغانلاردا كوففىئېننىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ئىتقدارى يەنىلا ئاجىز بولىدىكەن. شۇڭا قەھۋەنى كۆپ ئىچكەندە يۈرەك رېتىمى تەرتىپسىزلىشىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھامىلدار ئاياللار، ياشانغان ئاياللار، ئېغىر ئاشقازان كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى، ئارتېرىيە قېتىشىش، راك كېسەللىكى ۋە ۋىتامىن B1 كەمچىل بولغانلارنىڭ قەھۋە ئىچىشى مۇۋاپىق ئەمەس.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قوغۇننىڭ شىپاھلىق رولى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىشۇرۇلغان ئالمىنىڭ ئاجايىپ رولى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .