يۈرەك ئاسراشنىڭ تەبئىي دورىسى —بېلىق

 بېلىق گۆشى قان تەركىبىدىكى ماي — خولېستىرىن ۋە گىلېتسېرىندىن  ئىبارەت ئىككى خىل ماينىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەيدۇ . يۈرەك قان تومۇرلىرىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ، دائىم بېلىق يېيىش ئىنتايىن مۇھىم . چۈنكى بېلىق مېيى تەركىبىدىكى APE مول بولۇپ ، ئۇ يۈرەك قان تومۇرلىرىنى راۋانلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ . 

بېلىقنىڭ يۈرەكنى ئاسرىيالىشىدىكى سەۋەب — ئۇ ئادەم بەدىنىگە گورمۇن ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق خام ئەشيا ، شۇنداقلا قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىش ۋە يۈرەك تىقىلمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋە تەبئىي دورا خەزىنىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
بېكمۇرات قىدىرخان تەييارلىغان

بۇ مەزكۈر سەھىپىمىزنىڭ ئەڭ يېڭى ماقالىسى . ياكى يەتتە خىل ئەھۋالدا قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .