تۆۋەندە قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز

قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

   * قورساقنى كىچىكلىتىش نۇرغۇن كىشىلەر ئويلىشىپ ،دىققەت قىلىپ كىلىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى ..تۆۋەندىكى تەكلىپلەر سىزنىڭ قورسىقىڭىزنى كىچىكلىتىشكە پايدىسى بارمۇ، قىنى  سىناپ بېقىڭ.

    *تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ. تۇزلۇق يېمەكلىكلەر ئىشتىھانى ئېچىپ، قورساق بوشلۇقىدا ياغلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئەگەر تائاملارنى تۇزسىزراق ھېس قىلسىڭىز ئاچچىقسۇ ياكى تېتىتقۇلار بىلەن تەمىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ.

    *ئامالنىڭ بارىچە ئۆيدە تاماق يەڭ. سىرتتا تاماق يېگەندە، يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئېشىپ كېتىدۇ. ئەگەر جەزمەن سىرتتا تاماق يېيىشكە توغرا كەلسە، تاماقتىن كېيىن ئۆيگە پىيادە قايتىڭ.

    *ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىك ئىستېمال قىلىڭ. نۇرغۇن كىشى قورساق ئاچقاندەك سېزىم پەيدا بولغاندا، بىر نەرسە يېمەيدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى قورساق بەك ئېچىپ كەتسە، تېخىمۇ يۇقىرى كالورىيەلىك يېمەكلىكلەرگە كۆڭۈل تارتىدۇ. شۇڭا قورساق ئاچقاندەك سېزىم بولسا، مېۋە، قېتىق قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ.

    *كەچلىك تاماقنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ. فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن ئاشقازان تارىيىدىكەن، كەچلىك تاماقنى بەك كەچ يېگەندە، ئاشقازاننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشى ياخشى بولماي قورساق چىقىپ كېتىدۇ.

    *ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىڭ. كەچلىك تاماقتا گۆش، ئىرىمچىك، تۇخۇم سېرىقى تۈرىدىكى ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يەڭ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىشىغا پايدىسىز.

    *يۇقىرى تالالىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىڭ. كۆكتات ۋە مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالالىرى ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىراق بىر قېتىمدا بەك كۆپ ئىستېمال قىلىنغاندا، تالالارنىڭ غىدىقلىشى تۈپەيلىدىن ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ئارامسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    *تاماق بىلەن چاينى ئاز ئىچىڭ. چاينى ئاز ئىچكەندە يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ياخشى بولىدۇ، چاينى كۆپ ئىچكەندە، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنى سۇيۇلدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .