ئورۇقلىغۇسى بارلارغا ياقىدىغان يېمەكلىكلەر

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:

ئەنگىلىيەلىك ئوزۇقشۇناسلار يېقىندا ئورۇقلاشقا پايدىلىق ئالتە خىل يېمەكلىكنى ئېلان قىلدى:

بۇتىروسپېرمۇم مېۋىسى 火油果: بۇتىروسپېرمۇم مېۋىسىدە تويۇنمىغان ياغ مول، ئۇنىڭ ناچار خولېستېرىننى يوقىتىش رولى بار.

رەڭلىك بېلىق: رەڭلىك بېلىق ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسى، ئۇ قاندىكى تىرىگلىدسىرت قاتارلىق زىيانلىق ياغلارنى پارچىلاپ، بەدەن سىرتىغا ھەيدەيدۇ.

زەيتۇن يېغى: زەيتۇن يېغىدا تويۇنغان ياغ مول، شۇڭا ئاسان ھەزىم بولىدۇ. زىغىر يېغى: زىغىر يېغىدا ئومىگا-3 ياغ كىسلاتاسى مول.

تۇخۇم سېرىقى: نۇرغۇن ئادەم تۇخۇم سېرىقىنى يېمەيدۇ، بىراق تۇخۇم سېرىقىدا بەدەندىكى ياغ بىلەن قەنتنى تۆۋەنلىتىدىغان ماددا بار، تۇخۇم سېرىقىدانى يەنە ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A، D ،E ،K بىلەن كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە B تۈردىكى ۋىتامىنلار بار.

قاتتىق پوستلۇق مېۋە قىيامى: ناۋادا ئۈچ ۋاخ تاماقتا قاتتىق پوستلۇق مېۋە قىيامى يەپ بەرسە، قورساق تويۇپلا قالماستىن يەنە بەدەنگە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغىلى بولىدىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈندە ئالتە سائەت ئۆرە تۇرىدىغانلار ئاسان ئورۇقلايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى گىلاس شەربىتى قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .