تېز سۈرئەتتە ئورۇقلىتىدىغان يېمەكلىكلەر

كۆكتاتلارنى ئامال بار خام پېتى ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇنداقتا كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؛

  • خەلق تورى 13-مارت خەۋىرى؛ كۆكتاتلارنى ئامال بار خام پېتى ئىستېمال قىلىش كېرەك، بۇنداقتا كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ؛
    سوغۇق ئارىلاشتۇرۇلغان سەيلەر قانچە تەبىئىي بولسا شۇنچە ياخشى، ئامال بار قايناقسۇغا باسماسلىق كېرەك؛
    ۋىتامىن سۇدا ئېرىشچان ماددا بولۇپ، سەي-كۆكتاتلارنى قايناقسۇغا باسقاندا، تەركىبىدىكى ۋىتامىن زىيانغا ئۇچرايدۇ؛
    مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپىگە ئاساسلانغاندا، تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنى خام ئىستېمال قىلغاندا، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن؛
    1. تەرخەمەك
    تەرخەمەك تەركىبىدە ۋىتامىن C، ۋىتامىن B ۋە كۆپلىگەن مىكرو مېنېرال ماددىلار بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى مول، چۈرۈك بولۇپ خام ئىستېمال قىشقا ماس كېلىدۇ؛
    ئوزۇقلۇق ئىلىمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تەرخەمەك پوستىدا مول ئوزۇقلۇق ئېلېمىنتلار بار بولۇپ، خام ئىستېمال قىلىش كېرەك؛
    بىراق دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بەدەننى زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىستېمال قىلىشتىن ئاۋۋال، تۇز سۈيىگە 15~20 مىنۇت چىلاپ چايقىۋەتكەندىن كېيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك؛
    تەرخەمەكنى تۇز سۈيىگە چىلىغاندا، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كېسىۋېتىلگەن قىسىمدىن ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاستى-ئۈستىنى ئېلىۋەتمەي، تەرخەمەكنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاش كېرەك؛
    ئۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق سەي قىلغاندا، شۇ ھامان ئىستېمال قىلىۋېتىش كېرەك، ئۇزۇن مۇددەت قويۇپ قويغاندا، تەركىبىدىكى ۋىتامىننىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
    2. شوخلا
    شوخلا تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى مول بولۇپ، ۋىتامىن A كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاسراش ۋە ئاپتاپتىن كۆيگەن تېرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق.
    شوخلىنى سوغۇق سەي قىلغاندا، شېكەر قوشمىغان تۈزۈك، بولمىسا ئىشتىھاغا تەسىر كۆرسىتىدۇ؛
    3. قاپاق لازا ياكى ئۇچلۇق لازا
    مۇچ بارلىق كۆكتاتلارنىڭ ئىچىدىكى ۋىتامىن C مىقدارى ئەڭ مول بولغان يېمەكلىك بولۇپ، بەدەننىڭ ئىممۇنېنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛ ھەر خىل كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش رولى بار؛
    يازدا كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا ئىسسىقتىن زۇكام بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم سىرتقا چىققانلىقتىن، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش پۇرسىتىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ، شۇڭا بەدەننىڭ ئىممۇنېنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك؛
    4. كەرەپشە
    كەرەپشە تەركىبىدە يىرىك تالا، كالىي، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن قاتارلىقلار بار بولۇپ، يازدا كىشىلەرنى ناھايتى ئاسانلا ئىسسىق تۇتۇپ، چوڭ تەرەتنىڭ قۇرغاقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
    بىرلا ۋاقىتتا، ھاۋا ئىسسىغاندا، بەدەن يوقاتقان سۇنىڭ مىقدارىمۇ كۆپىيىپ، ناترىي بىلەن كالىينىڭ تەڭپۇڭسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    كەرەپشە، ئۈچەينى سىلىقلاپ، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ، ناترىي بىلەن كالىينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ؛
    ۋىتامىننىڭ تېرىگە، نېرۋا سىستېمىسىغا ۋە ئىشتىھاغا بەلگىلىك تەسىرى بار بولۇپ، ئەگەر بەدەندە ۋىتامىن B2 كەمچىل بولسا، ناھايىتى ئاسانلا ھېرىپ، ماغدۇرسىزلىنىش ۋە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
    كەرەپشىنى قانناقسۇغا بېسىپ، سوغۇق سەي قىلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛
    5. يېىسۋېلەك
    يېسىۋىلەك تەركىبىدىكى يېمەكلىك تالاسى ۋە ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، قۇياش نۇرى كۆزنى چاقنىتىدىغان ياز پەسلىدە، يېڭى يېسىۋېلەكنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، كۆزنى ئاسراپ، تېرىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ؛
    بىراق ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان يېسىۋېلەكنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛
    6. پېدىگەن
    پېدىگەن تەركىبىدىكى سېلىننىڭ مىقدارى باشقا كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇپ، يېڭى يۇمىلاق پېدىگەننىڭ پوستىنى ئېلىۋېتىپ قەلەمچە قىلىپ، مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە كۈنجۈت يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ؛
    سېلىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار بولۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ، ئىممۇنېنت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؛
    كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، قېرىشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە، ماددا ئالماشتۇرۇش رولى ئارقىلىق يەنە راكقا قارشى تۇرۇش رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.

    تەرجىمىدە: ئاينۇر


  •  

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئورۇقلاشتىكى 4 خىل يېمەكلىك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى 10 خىل كەڭ تارقالغان خاتا بولغان ئورۇقلاش ئۇسۇلى سىزنى ئەكسىچە سەمرىتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .