ئورۇقلاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا توغرا قوبۇل قىلىنغان ماي سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماينى كۆيدۈرۈشكە پايدىلىق

يېقىندا ئوزۇقلۇق سالامەتلىك مۇتەخەسىسى ئاننا لاۋلىسى ئۇرۇقلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئالتە خىل يېمەكلىكنى يەكۈنلىگەن.
 

  1. بوتېروسېپىروموم مېۋىسى. بۇ خىل مېۋىنىڭ تەركىبىدە مول تويۇنمىغان ماي بولۇپ، خۇلىتسېرىننى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ناشتىدا بوتېروسېپىروموم مېۋىسىنى تۇخۇم بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

  2. سەنۋېن بېلىقى. بۇ خىل بېلىق ئومىگا 3 ماي كىسلاتاسىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، قاندىكى گىلىتسېرىن كىسلاتاسى قاتارلىق زىيانلىق ماينى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىدۇ.سۈرلەپ پىشۇرغان سەنۋېن بېلىقىغا سالات قۇشۇپ ياكى تۇخۇمنى زاكۇسكا قىلىپ ناشتىدا ئىستىېمال قىلسا بولىدۇ.

  3. زەيتۇن يېغى. زەيتۇن يېغى تەركىبىدە تويۇنمىغان ماي بولۇپ، ئۇنى ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. تاماق ئەتكەندە زەيتۇن يېغىدىن پۇرچاق يېغى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. سالات ياسىغاندا زەيتۇن يېغى بىلەن ئاچچىقسۇنى ئارلاشتۇرسا بولىدۇ.

  4. زىغىر يېغى. زىغىر يېغىنىڭ تەركىبىدە ئومىگا 3 ماي كىسلاتاسى مول. ئۇنى سالات بىلەن تەم تەڭشىگۈچ قىلغىلى بولىدۇ، ناشتىدا سۇلۇ يارمىسىغا بىر قۇشۇق سالسا بولىدۇ.

  5. تۇخۇمنىڭ سېرىقى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا سېرىقىنى يېمەيدۇ. بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەس. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇمنىڭ سېرىقى ماي ۋە شېكەرنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدىكەن. تۇخۇمنىڭ سېرىقىدا يەنە مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A، D،E،K ۋە كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك، فولىك كىسلاتاسى ۋە B ئۇرۇقىنىڭ ۋىتامىنى بار.

  6. قاتتىق مېۋە قىيامى. بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاقلىق تاماقتا قاتتىق مېۋە قىيامى ئىستېمال قىلغاندا ئاچلىقنى بېسىپ قوساقنى تويغۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۆپ ساندىكى قاتتىق مېۋە قىيامىنى ئۆزى ئۆيدە تەييارلاش كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنىڭ ئىچىگە قوشۇلغان تەركىبلەر تەسەۋۋۇردىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا سېتىۋالغاندا تەركىبى جەدۋىلىنى تەپسىلىي كۆرۈش ياكى ئۆيدە ئۆزى تەييارلاش كېرەك.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۇيقۇڭىز ياخشى بولمىسا، ئورۇقلاش مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئورۇقلاشتىكى 4 خىل يېمەكلىك توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .