نۇرغۇنلىغان سېمىزرەك كەلگەن كىشىلەر تۈرلۈك ئورۇقلاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا ئورۇقلىمايۋاتقانلىقىنى بايقىشىدۇ

 

بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلارنىڭ خاتا ئورۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىدا. ئەمىلىيەتتە، ئۈنۈملۈك ئورۇقلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل خاتا قاراشتىن ساقلىنىش كېرەك: يەنى، ماي بىلەن سېمىزلىك بىر تۇققان، پەقەت ماي بىلەن مۇناسىۋەتنى قەتئىي ئۈزگەندىلا، ئاندىن ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، دەپ  قاراش. ئەمىلىيەتتە، ئورۇقلاش جەريانىدا، مايلارنىڭ ھەممىسى سەلبىي رول ئوينىمايدۇ. ئىستىمال قىلىنغان مايلار ناھايىتى تېزلا بەدەندە توپلىنىۋالماستىن بەلكى، بەدەندە ئېرىپ، مەلۇم دەرىجىدە ماينىڭ بەدەندە بىرىكىشىنى كونترول قىلىدۇ. گەپ، ئۇنىڭ نورمىدىن ئېشىپ كېتىش- كەتمەسلىكىدە. شۇڭا، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىنغان ماي بەدەن شەكلىگە تەسىر كۆرسەتمەيلا قالماستىن، بەدەن گۈزەللەشتۈرۈشكىمۇ پايدىلىق.

سېمىزلىك ئوزۇقلۇقنىڭ يىغىلىپ قېلىشى، شۇڭا قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ، دەپ قاراش. ئەمىلىيەتتە، سېمىزلىك نوقۇل ھالدىكى ئوزۇقلۇقنىڭ يىغىلىپ قېلىشى ئەمەس بەلكى يېمەكلىكتە ماينى ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسىنىڭ كەمچىل بولۇشىدا. ئەگەر يېمەك- ئىچمەك ئىستېمال قىلغاندا ۋىتامىن B2، B6قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا، بەدەندىكى ماي ئېنىرگىيەگە ئايلىنالمايدۇ- دە، ماي بەدەندە توپلىنىپ قېلىپ، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ھەر قېتىم 30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈپ بەرگەندە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ، دەپ قاراش. ھەر قېتىم 30 مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈپ بەرگەندە ھەقىقەتەن ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. ئەمىلىيەت ئىسپاتلىدىكى، ھەرىكەت 40 مىنۇتتىن ئارتۇق داۋاملاشقاندا، ئاندىن ماينىڭ خورىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. 40 مىنۇتتىن ئاز ھەرىكەت ھەر قانچە كۈچلۈك بولسىمۇ، ماي ئېرىتىش ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ.

ئاچ قورساق مەشق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق، دەپ قاراش. نۇرغۇن خانىم- قىزلار ئاچ قورساق ھەرىكەت قىلغاندا بەدەندە تۆۋەن قان شېكىرى رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ، كۆڭلى ئېلىشىش، باش قېيىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. بىراق، ئامېرىكىدىكى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش دوختورلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تاماقتىن بىر- ئىككى سائەت بۇرۇن پىيادە مېڭىش، ئۇسسۇل ئويناش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قىلىپ بەرگەندە، ئورۇقلاش ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن.

ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولماسلىق. بۇ خىل ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولماسلىق ئەھۋالى ئۇزاق داۋاملاشقاندا، بەدەن ئۆزىگە  كېرەكلىك بولغان نۇرغۇن ئوزۇقلۇقلارغا ئېرىشەلمەيدۇ- دە، ئورگانىزىملارنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، بەدەندە كېسەللىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپېلسىننى يەپ بەرگەندە ئورۇقلىغىلى بولىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھەسەل ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .