ئەتتىگەنلىك تاماق ئادەمنىڭ روھىنى كۆتۈرىدۇ ئۆگىنىش ، خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدۇ كۆپلىگەن ياش - ئۆسمۈرلەر بەدەن قۇرۇلۇشىنىڭ گۈزەل بولۇشىنى كۆزلەپ ، كۆپ ئەھۋاللاردا ئەتىگەنلىك تاماقنى يېمەيدۇ ، تېببىي ئىلىمنىڭ قارىشىچە ، گۈزەللىك ئۈچۈن ئەتتىگەنلىك تاماق

          ئەتىگەنلىك تاماق ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم

         

          چۈشلۈك تاماق كۆپ يېيىلىپ چۈشلۈك تاماق كېچىچە ئىشلەپچىقىرىلىدغان ئاشقازان كىسلاتاسى ئەتىگەنلىك تاماق بىلەن بىرلەشمىسە ، ئاشقازان كىسلاتاسى ئاشقازان دىۋارىنى غىدىقلاپ ، ئاشقازاندا بىئاراملىق ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

          يەنە مۇھىمى ئەتىگەنلىك تاقام يېمەي ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلغاندا قورساق ئېچىپ ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ . ئېغىر بولغاندا ئاشقازان ئاغرىش ، باش ئاغرىش ، ھەتتا شېكەر ماددىسى تۆۋەنلەش ، ئاشقازان يارىسى ، قان ئازلىق كېسىلى ۋە سوزۇلما خاراكىترلىك كېسەللىكلىرىنى كەتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ، تېرە قۇرغاقلىشىش ، بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

          بىر كېچە ئاچ قورساققا ئەتىگەنلىك تاماق يېمەسلىك قان پلازمىسىنىڭ قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرۇپ ،يۈرەك سانجىقىنىڭ ئەتىگەن ۋە چۈشتىن بۇرۇن قوزغىلىشىغا ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ .

          ئەگەر ئورۇقلاي دىسىىڭز ،كەچلىكى تاماقنى ئاز يەپ، يېرىم قورساق يېتىڭ .

          لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ، "ئەتىگەنلىك ناشتىدىن قالماڭ"


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاز ئۇخلاپ ، ئاز دەم ئالغاندا ئورۇقلىغىلى بولامدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئورۇقلاشتىكى بەزى خاتا ئۇسۇللار توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .