مۇبارەك تۇرغان ۋىتامىنلار بەدەننىڭ نورمال فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى ساقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئورگانىك ماددا ۋىتامىنلارنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى گەرچە ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ماددا ئالمىشىش، ھۈجەيرىلەرنىڭ ماددا مىتابولىزىمىنى تەڭشەش، ئورگانىزمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى،كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ

ئادەتتە مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن تولۇقلاش ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىلىق. بىراق ۋىتامىنلارنى ئارتۇق مىقداردا قوبۇل قىلغاندا، ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيانلىق تەسىر بېرىدۇ. مەسىلەن، ۋىتامىن A نىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىقدارى گەرچە ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىنىڭ سىرتقى تېرە توقۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆزنى ئاسراش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋىتامىن A نى دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن تولۇقلىغاندا، ئۇنىڭ ئۈنۈمىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ، ئەمما كۆپ مىقداردا تولۇقلىغاندا ئەكسىچە سالامەتلىككە زىيانلىق.
 
ۋىتامىن تولۇقلاش مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى

ئەگەر بىر ئادەم ھەركۈنى نورمال ئوزۇقلىنىش بىلەن بىللە، ۋىتامىن A نىمۇ تولۇقلىغاندا، بەدەندىكى ۋىتامىن A نىڭ مىقدارى بەدەننىڭ قوبۇل قىلىش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئارتۇق مىقداردىكى ۋىتامىن A بەدەنگە پايدىلىق بولماستىن بەلكى ۋىتامىن A دىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شۇڭا ۋىتامىن تولۇقلىغاندا، ۋىتامىن تۈرلىرىنىڭ، مىقدارىنىڭ كۆپ بولۇشىنى قوغلاشماي، ياخشىسى ئۆزىنىڭ بەدەن ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان ۋىتامىن تۈرلىرىنى تاللاپ تولۇقلاش مۇۋاپىق.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كالتسىي تولۇقلىغاندا ماگنىينىمۇ تەڭ تولۇقلاش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق .