كۈندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئادەم كالتسىي تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ ، ماگنىي تولۇقلاشقا سەل قارايدۇ ئەمەلىيەتتە ، كالتسىي بىلەن ماگنىي تەڭپۇڭ بولغاندىلا ، ئاندىن بۇ ئىككى مىنېرال ماددىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ

كالتسىي بىلەن ماگنىينىڭ نىسبىتى 1:2 بولغاندا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ . ئەگەر كۈندە 800 مىللىگىرام كالتسىي تولۇقلىغاندا ئۇنىڭغا يەنە 400 مىللىگىرام ماگنىينىمۇ قوشۇپ تولۇقلاش كېرەك .


كالتسىي بىلەن ماگنىي بىر – بىرىنى تولۇقلاپ ، بىر – بىرىگە تۈرتكە بولغاندىلا ، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى ۋە سۆڭەك ئىقتىدارىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ . قوبۇل قىلىنغان ماگنىي ئاز بولسا ، بەدەندە ماگنىي كەمچىل بولۇپ ، مۇسكۇل يىغىلىپ ، پەي تارتىشىپ ، باش قايىدۇ .

   ھازىر كىشلەرنىڭ يېمەكلىكى موللىشىپ ، گۆشنى كۆپ ، كۆكتاتنى ئاز يېگەچكە ، بەدەندە ماگنىي كەمچىل بولۇۋاتىدۇ . ماگنىي تولۇقلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن لاۋېر(زىسەي) نى كۆپرەك يېيىش كېرەك .

لاۋېر تەركىبىدە ماگنىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ ، ئۇنى كىشلەر ‹‹ماگنىي ئامبىرى›› دەپ ئاتىشىدۇ . ماگنىي مىقدارى يۇقىراق دانلىق زىرائەتلەردىن تېرىق ، قوناق ، قارا بۇغداي ، پۇرچاق ۋە كۆكتات تۈرلىرىدىن زەمبۇرۇغ ، بەرەڭگە قاتارلىقلار بار .

ئۇنىڭدىن باشقا ، ياڭاق مېغىزى ، يەر ياڭىقى ، كۈنجۈت ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرىمۇ ماگنىي تولۇقلاشتىكى ياخشى يېمەكلىكلەردۇر . سۇنى كۆپ ئىچىپ بەرگەندىمۇ بەدەننىڭ ماگنىي قوبۇل قىلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ .  


ئالدىنقى ماقالىمىزدا كالتسىي كەملىكنى پەيدا قىلىدىغان ئوزۇقلىنىش ئادەتلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋىتامىن تولۇقلاش مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .