ۋىتامىنA: ۋىتامىن A يېتىشمىگەندە تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، تېرىدە قان رەڭگى قالمايدۇ، ئېغىرراقلىرىنىڭ تېرىس


ۋىتامىنA: ۋىتامىن A يېتىشمىگەندە تېرە قۇرغاقلىشىدۇ، تېرىدە قان رەڭگى قالمايدۇ، ئېغىرراقلىرىنىڭ تېرىسى زەخىملىنىش، چېچى چۈشۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. يېمەكلىك ئارىسىدا سەۋزە، شوخلا، شاپتۇل، چاقماق كاۋا، تاتلىق بەرەڭگەنىڭ ۋىتامىن A تەركىبى ئىنتايىن مول. كۆكتات ئارىسىدا بولۇپمۇ تاتلىق بەرەڭگە، چاقماق كاۋىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن A نىڭ تەركىبى مول، لېكىن بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى بىر قېتىمدىلا كۆپ ئىستېمال قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.

ۋىتامىن B تۈرىدىكىلەر: بۇنىڭ ئارىسىدا ۋىتامىن B2، B3 ۋە B6 لارنىڭ ھەممىسى تېرە ئاسراش «ماھىرى» ھېسابلىنىدۇ؛ ۋىتامىن B3 تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ كۈن نۇرىدىن زەخىملىنىش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ B6 چاچنى ياخشىلايدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تۇخۇم سېرىقى، قارا بۇغدايدىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ۋە قوي جىگىرى تەركىبىدە ۋىتامىن B ئىنتايىن مول.

ۋىتامىن C: ئوكسىدلىنىشقا كۈچلۈك قارشى تۇرىدىغان بولۇپ، تېرە يىلىمى تالاسىنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ماددا ھېسابلىنىدۇ. تاغ شاپتۇلى، كۇلى بېھىسى،گۈلكۆك، ماندارىننى ئىستېمال قىلغاندا تېرىنى سىلىق، يۇمران قىلىپلا قالماي، يەنە راك كېسىلىگە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

ۋىتامىن E: تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپلا قالماي، يەنە قېرىلىق دېغىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۆسۈملۈك يېغى ۋە دانلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E ئىنتايىن مول. زەيتۇن يېغى بىلەن سوغۇق سەي تەييارلاپ ئىستېمال قىلغاندا، تېرىگە «ھاياتىي كۈچ» بەرگىلى بولىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ۋىتامىنغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ۋىتامىن كەمچىل بولسا، ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .