يېقىندا تورغا چىقىرىلغان بىر چاپلىمىدا كۆز قۇرغاقلىشىش ۋىتامىنA نىڭ كەمچىل بولىشى ۋە ئېغىز پۇراش ۋىتامىنB6نىڭ كەمچىل بولۇشىدىن پەيدا بولىدۇ ، دېيىلگەن

 

   دوختۇرلار بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ‹‹ئادەم بەدىنىدەمۇنداق بىر خىل كېسەلنىڭ پەيدا بولىشى مەلۇم خىل ۋىتامىن ياكى باشقا ئامىللارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن ئەمەس ، بەلكى كۆپ خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن . مەلۇم خىل ۋىتامىننىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېسەل پەيدا بولىدۇ ، دېيىش توغرا ئەمەس. ئەگەر سىز بىر خىل ئوزۇقلۇقنى تولۇقلىغاندا ، مەلۇم خىل ئەكىس تەسىر پەيدا بولۇشى مۇمكىن›› .
 

   دوختۇرلار يەنە مۇنداق مەسلىھەت بەردى : ‹‹ھەركۈنى ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان كالا سۈتى ئىچىپ ، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق ئىستېمالقىلىپ ، ئازراق پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنى ، تۇخۇم ، كۆكتات ۋە مېۋە-چىۋىنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار ئاساسەن تولۇقلىنىپ ، يېمەكلىك تەڭپۇڭلىشىدۇ›› .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ۋىتامىن B نى تولۇقلاشتا بىرىكمە ۋىتامىننى تاللاش كېرەك تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تەبىئىي ۋىتامىنلار بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .