ۋىتامىن ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئوزۇقلۇق ماددىسىدىن ئىبارەت بىراق بۇ، بەدەندە ۋىتامىن ماددىسى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، دېگەنلىك ئەمەس


ئەمەلىيەت ۋىتامىنلارنى قالايمىقان ئىچىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى بولمايلا قالماي ئەكسىچە زىيىنى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۇنداقتا، قانداق كىشىلەر ۋىتامىن دورىلارنى ئىچسە بولىدۇ؟ تۆۋەندە ۋىتامىن دورىلىرىنى ئىچىش توغرىسىدىكى بىر قىسىم كۆرسەتكۈچلەرنى تونۇشتۇرىمىز. 1

            1. ئاسان ھېرىپ-چارچايدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى ۋىتامىن Cدىن 500-300 مىللىگرام، ۋىتامىن Bدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ھېرىپ-چارچاشنى تۈگىتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


            2. كۈچلۈك ھەرىكەت ياكى ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەرىكەت ياكى ھەرىكەت جەريانىدا بەدىنىدىن چىققان تەر بىلەن بىرگە زور مىقداردا ۋىتامىن Cنى چىقىرىۋېتىدۇ، شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى ھەرىكەت قىلىشتىن ياكى ئەمگەك قىلىشتىن ئىلگىرى 500-300 مىللىگرام ۋىتامىن Cنى ئىچىۋەتسە، بەدەندىن چىقىپ كېتىدىغان ۋىتامىن تولۇقلىنىپ، سالامەتلىككە زىيان يەتمەيدۇ.


            3. ۋىتامىن A يېتىشمەسلىك كېسەللىكى. مەسىلەن، تېرىسى يىرىك ۋە قۇرغاق بولۇش، مۈڭگۈز پەردىسى يۇمشاق كېسەللىكى، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەللىكى، نامازشام قارىغۇسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەر كۈنى 50 مىڭدىن 57 مىڭ بىرلىككىچە ۋىتامىن A ئىچىپ بەرسە، يۇقىرىقى كېسەللىك ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىغا پايدىسى بولىدۇ.


            4. قان ئازلىققا مايىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر تۆمۈر ماددىسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە ھەر قېتىملىق تاماقتىن كېيىن 300 مىللىگرام ۋىتامىن Cنى تولۇقلاپ ئىچىپ بەرسە، بەدەننىڭ تۆمۈر ماددىسىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.


            5. دائىم قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغان كىشىلەر ھەر كۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن بىر ئىستاكان قايناق سۇ بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى ۋىتامىن Cنى ئىچىپ بەرسە قەۋزىيەت ئوڭشىلىپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


            6. سۆڭىكى ئاسان سۇنىدىغان، سۆڭىكى چۈرۈك كىشىلەر يېتەرلىك مىقداردا كالتسىي ماددىسىنى تولۇقلاپ تۇرۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 005 مىللىگىرام ۋىتامىن Cنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك.


            7. رېماتىزم، نېرۋا ياللۇغى، ئەتراپ نېرۋا ياللۇغى، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ زەخىملىنىشى، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئوزۇقلىنىش ناچارلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن Bنى تولۇقلاپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.


            8. 50 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر ھەر كۈنى 250 مىللىگرامدىن500 مىللىگرامغىچە ۋىتامىن C ئىچىپ بەرسە سالامەتلىككە كۆپ پايدىسى بار.


            9. قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ھەر كۈنى 3 قېتىم ۋىتامىن Cغا E نى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئارتېرىيە قېتىشمىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

            10. قاندىكى ماي ماددىسى يۇقىرى كىشىلەر ھەر كۈنى ۋىتامىن Cدىن500 مىللىگرام ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.


            11. ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش، تۇغماسلىق، ئوزۇقلىنىشنى ناچارلىشىشى، ھەيز كېسىلىش دەۋرى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇپ قالغان كىشىلەر ھەر كۈنى 50 مىللىگىرام ۋىتامىن E ئىچىپ بەرسە يۇقىرىقى كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى بولىدۇ.

            12. پىگمېنتلىق داغ بار كىشىلەر ھەر كۈنى ۋىتامىن C دىن 500 مىللىگىرام ئەتراپىدا ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمىنى كۆرەلەيدۇ.


            13. مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، جاۋغاي ياللۇغى، تىل ياللۇغى، ياغ تەپچىيدىغان تېرە ياللۇغى، ئۇرۇقدان خالتىسى ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ھەر كۈنى 30 مىللىگرامدىن ۋىتامىن B ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.


            14. كېسەلگە گىرىپتار بولۇش، دورا ئىچىش سەۋەبىدىن ۋىتامىن C خوراپ كەتكەن كىشىلەر بەدىنىدىكى خورىغان ۋىتامىن C نى تولۇقلاش ئۈچۈن ھەر كۈنى500 مىللىگرام ئەتراپىدا ۋىتامىن C ئىچىپ بېرىشى كېرەك.


            15. ۋىتامىن B قۇسۇش، رىمفوندىن زەھەرلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە ئۆسمىگە قارشى تۇرۇش رولى بولغان دورا بولۇپ، ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى رېئاكسىيىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ۋىتامىن D كىچىك بالىلاردىكى راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ۋىتامىن كەمچىل بولغاندىكى قىسمەن ئالامەتلەر تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تەن - ساقلىقىڭىزنى ساقلاشنىڭ 12خىل ئۇسۇلى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .