تاماكىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىغا بولغان يامان تەسىرى


1. تاماكا چېكىش ئېغىز بوشلۇقى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرلايدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا ئېغىز بوشلۇقى راكىغا گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ 90 پىرسەنتى تاماكا چەككۈچلەردۇر .

2. تاماكا چېكىش چىش ئەتراپى ياللۇغنى ئېغىرلاشتۇرغۇچى ئامىل. چىش ئەتراپى كېسەللىكنىڭ ئېغىر يېنىكلىكى تاماكا چېكىشنى باشلىغان ۋاقىت، تاماكا چېكىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەمدە كۈندىلىك چېكىدىغان تاماكا مىقدارى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

3. ئاياللار تاماكا چەكسە ياكى ئىككىنچى قول چېكىلسە ھامىلنىڭ باش شەكلى ياكى ئېغىز بوشلۇقنىڭ غەيرى شەكىللىك بولۇپ تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

4. تاماكا چېكىش چىشتا داغ پەيدا بۇلۇش ھەمدە ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۈزەللىك ۋە كىشىلىك ئالاقىگە زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھاراق ۋە تاماكىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دائىم تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ چىشى ئاسان چۈشۈپ كېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .