ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشتىن توختىغان بىر يىل ئىچىدە، قان تومۇر ساغلاملىق ئەھۋالىدا زور ياخشىلىنىش بولغان بولۇپ، ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن تۆت كىلوگىرام ئاشقان بولسىمۇ، بىراق يۈرەك قان تۇمۇر كېسەللىكى خەۋپى %14تۆۋەنلىگەن

   ئامېرىكا ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتى مادىسونىئان شۆبىسىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى 1504نەپەر 45ياشتىن يۇقىرى كۈنىگە 21تال تاماكا چېكىدىغان ئادەملەرنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلغان.

  بۇ بىر توپ ئادەملەر تاماكا تاشلىتىش يېتەكچىلىگى، ئارام بەرگۈچى ماددا ياكى تاماكا تاشلىتىش داۋالاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى قۇبۇل قىلغان بولۇپ، بىر يىلدىن كېيىن، %36 ئادەم مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا تاماكا خۇمارىدىن قۇتۇلغان.

   تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئامېرىكا يۇرەك كېسەللىكلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنىدىكى يىللىق يىغىنىدا مۇنداق دېگەن، بىز ئۇلارغا ئۇلتىرا ئاۋاز دولقۇنىنى ئىشلىتىپ، تاماكا تاشلىغۇچىنىڭ بىلەك قىزىل قان تومۇر كېڭىيىش ئىقتىدارىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق.

   بۇ خىل قان ئېقىمىنى تەڭشەپ كېڭەيتىش دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلچەش ئۇسۇلى بىلەن يۈرەك كېسىلىنىڭ خەۋىپ-خەتىرىنى ئۆلچىگىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن قىزىل قان تومۇر ئىچكى دىۋارىنىڭ ھۈجەيرە ئىقتىدارىنىمۇ ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.

   تەتقىقاتتىن بايقىلىشچە، تاماكا تاشلىغۇچىنىڭ قان ئېقىمىنى تەڭشەپ كېڭەيتىش ئىقتىدارى %6.2دىن%7.2گىچە ياخشىلىنىش بولغان. نەتىجىسى ئەڭ ياخشىسى%10 بولغان.

   ئەسلى تەتقىقاتقا قاتناشمىغان ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بوۋېي مۇنداق دېگەن،7%گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق ھەقىقەتەن ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ.

   قىزىل قان تومۇر ئىچكى دىۋارى ھۈجەيرىسىدە غىدىقلىغۇچى ئامىلنىڭ تەسىرى بىلەن ئىنكاس پەيدا بولۇپ.تاماكا چېكىش قان پلاستىنكىسىنى قىزىل قان تومۇر ئىچكى دىۋارىغا دوۋىلەپ قويىدۇ.

   تاماكا تاشلاش يۇقىرى زىچلىقتىكى ياغ ئاقسىلى بىلەن خولېستېرىن سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەخمەت ساتتار تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا تاشلىسا، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا چېكىدىغان ئاياللار تۇتقاقلىق كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .