نۇرغۇن كىشى تاماكا چەككەندىن كېيىن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدا ئاز – تولا تۆۋەنلەش بولغانلىقىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن

ئەنگلىيە ئالىملىرى ئىشلىگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا تاشلىغاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىش كۆرۈلىدىكەن.
 

 تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىۋاتقانلار، تاماكا تاشلىغانلار ۋە ئەزەلدىن تاماكا چەكمىگەنلەر ئۈستىدە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى سىناش تەجرىبىسى ئىشلىگەن، بۇنىڭدا تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلاردىن بەزى بەلگىلەنگەن ئورۇنلاردا ئالدىن تاپشۇرۇلغان بىر تۈركۈم ۋەزىپىنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنغان.

 نەتىجىدە، تاماكا چېكىۋاتقانلارنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئومۇميۈزلۈك ناچار بولۇپ، ئوتتۇرىچە %59 ۋەزىپىنىلا ئېسىدە تۇتالىغان؛ ئەزەلدىن تاماكا چەكمىگەنلەرنىڭ ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە %81 ۋەزىپىنى ئېسىدە تۇتالىغان؛ تاماكا تاشلىغانلارنىڭ ئىپادىسى نىسبەتەن ياخشى بولۇپ، ئوتتۇرىچە %74 ۋەزىپىنى ئېسىدە تۇتالىغان. بۇ تەتقىقات تاماكا تاشلاشنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا 60 ياشتىن كېيىن تاماكا تاشلىسا... تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى بىر يىلدا قان تومۇر ساغلاملىقىدا زور ياخشىلىنىش بولىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .