يېشى ئۇلغىيىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر ئۆمۈر تاماكا چېكىپتۇق، زىياننى تارتىپمۇ بوپتۇق، ئەمدى تاماكا تاشلىغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ دەپ قارايدۇ

بىراق گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتتىن مۇنداق نەتىجە چىقتى:« 60 ياشقا كىرگەندىن كېيىن تاماكا تاشلىسىمۇ، تاماكا تاشلىغۇچىنىڭ تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى بەش يىلدا، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ياكى سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىكەن، بولۇپمۇ مۇشۇ كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى 1.3 ھەسسە ئاجىزلايدىكەن».

مۇتەخەسسىسلەر بۇ تەتقىقاتنىڭ 60 ياشتىن ھالقىغان 500 مىڭ ئادەمگە چېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى:« تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، تاماكا تاشلىغاندىن كېيىنكى 1-بەش يىلدا بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەيدىكەن. بۇ نەتىجىگە ئاساسەن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھەر قانداق چاغدا تاماكا تاشلاشنىڭ چوقۇم پايدىسى بار، شۇڭا ياشانغانلار تاماكا تاشلىسا، ساغلاملىق جەھەتتە يەنىلا ئىنتايىن چوڭ پايدىغا ئېرىشىدۇ».


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا ئىسى بىلەن ئىسلىنىش بالىلار نەپەس يوللىرى كېسەللىكىنىڭ باش سەۋەبچىسى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا تاشلىسا، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ياخشىلىنىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .