خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭجۇ نەپەس يوللىرى كېسەللىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا «بالىلار نەپەس يولى ساغلاملىقى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئاق تاشلىق كىتاب»ى ئېلان قىلىندى،

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 14 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، يەنىلا نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، ئۆي ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئىچىدە تاماكا ئىسى ئەڭ ئاساسلىق قاتىل بولغان.

ئاق تاشلىق كىتابتىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆل ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ نەپەس يولى كېسىلىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى % 51.87 نى ئىگىلىگەن. نەپەس يولى بولسا سىرت بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدىغان سىستېما بولۇپ، بالىلارنىڭ نەپەس يولى ۋە ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ يېتىلىشى تېخى مۇكەممەللەشمىگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. بالىلارنىڭ ھەر كۈنى ئۆي ئىچىدە ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %80 تىن ئاشىدۇ، ئۆي ئىچى ھاۋا مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى بولسا بالىلارنىڭ نەپەس يولى ساغلاملىقىغا تېخىمۇ روشەن تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھاراقنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى مۆلچەردىكىدىنمۇ زور ئىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى 60 ياشتىن كېيىن تاماكا تاشلىسا... توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .