تاماكا تاشلاشنىڭ ئىلمى ئۇسۇللىرى توغرىسدا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مىھرى ئىللىق جامائەت،ئۇلۇق ئاللاھ دىن تىلەيمەن ھەممەيلەننىڭ تېنىگە چەكسىز سالامەت.ساغلاملىق ھەممىمىزگە مەڭگۈ يار بولسۇن!مەن تورداشلار بىلەن،تاماكا تاشلاشنىڭ ئىلمىي ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى بەزى قاراشلىرىمنى ئورتاقلاشماقچى،كۆپچىلىكنىڭ بۇ ھەقتە سەمىمىي ياردەملىششىنى ئۈممۈت قىلىمەن.
 

تاماكا چىكىش توغرىسدا دۇنيادىكى داڭلىق پىسخىلوگىيە ۋە فىزولوگىيە ئالىملىرى -تاماكا چىكىشنى خۇمارداش ھەم پىسخىكىلىق ئادەت ھەم فىزولوگىيلىك تەلەپ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ،تاماكا چىكىشنى خۇمارداشتىكى پىسخىكىلىق ئادەتنى چەكلەش ئاسان، ئەمما فىزولوگىيلىك تەلەپنى چەكلەش تەسرەك، يەنى تاماكا چىكىشنى بىراقلا توختاتسا،شۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە بەزى غىدىقلاش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ،شۇ غىدىقلاشنى فىزولوگىيلىك جەھەتتىن قاندۇرمىسا بەزى كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ،دەپ قارىغان.

ئالىملارنىڭ تاماكا چىكىشنى خۇمارداش توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرىغا،ئۆزەمنىڭ تاماكا تاشلاش جەريانىدىكى ئەمەلى تەجىرىبىللىرىمگە ئاساسەن،تاماكا چىكىشنى توختۇتۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ياكى تاماكا چىكىشنى توختاتمىسا بولمايدىغان يولداشلارغا،تاماكا تاشلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىشنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.

1.ئىمكان قەدەر بەزى سەۋەپلەرنى تېپىپ،قەتئىي تاماكا تاشلاش نىيتىگە كىلىش،مەسىلەن؛تاماكا يۆتەل،ئۆپكە ئىششىقى،كاناي ياللۇغى،قان-تومور تارىيىش قاتارلىق كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش.

مەن تاماكىنى ئۇزۇن يىل چەككەنلىكىمدىن قان-تومور تارىيىپ كىتىپ،چوڭ مىڭىگە ئوكسىگىن يىتىشمەي،بىر قانچە قېتىم دەرسخانىدا ئايلىنىپ كىتىپ يىقىلىپ قالغان ئىدىم،شۇ سەۋەپتىن قەتئى تاماكا چەكمەسلىك قارارىغا كىلىپ 10 يىلدىن ئاشتى تاماكا تاشلىغىنى.

2. مەلۇم بىر كۈننى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بەلگىلىۋىلىپ،ئاندىن تاماكا چىكىشنى بارا-بارا ئازايتىش.

مەن 2002-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى تاماكا چىكىشنى توختاتقان ئىدىم.

3. تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن دەرھال سىرتقا چىقىپ ئايلىنىش ۋە ھاۋالىنىش.

4. تاماكىنى قولغا ئېلىش،ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ زادىلا چەكمەسلىك.

5. پۇرىقى ئۆزگۈرۈپ قالغان تاماكا ۋە تاماكا قالدۇقىنى كۈلداندا قالدۇرۇپ قويۇش.

6. تاماكىنى ئاسان ئالغىلى بولمايدىغان،كۆزگەچېلىقمايدىغان يەردە قويۇش.

7. بىرەر قېتىم چەككەننىڭ زىيىنى يوققۇ دەيدىغان نىيەتتە ھەرگىز بولماسلىق.

8. تاماكا چىكىشتىن چىكىنگەنلىكىنى دوس-بۇرادەرلىرىگەخەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش.

9. بىرەر ئىش ئۈچۈن ئاچچىغلىنىپ قالغاندا دەرھال ئازراق سوغاق سۇ ئىچىۋىتىش.

10. تاماكا چىكىشنى توختۇتۇشنىڭ ئىختىسادى جەھەتتىنمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش.

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە تاماكا تاشلاشقا پايدىلىق ئۇسۇل ۋە تەجىرىبىلەر بولسا تەلەپ ۋە تەكلىپ بىرىشىڭلارنى ۋە مۇشۇ تەجىرىبە ئۇسۇللاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

مەنبە؛ئۆزەمنىڭ تەجىرىبە تەسىراتى.

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھاراقنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى مۆلچەردىكىدىن زور ئىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھاراقنىڭ راك پەيدا قىلىش خەتىرى مۆلچەردىكىدىنمۇ زور ئىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .