مۇتەخەسىسلەر ھاراق ئىچىشتىكى نۇرغۇن خاتا قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قارىغۇلارچە باشقىلارغا ئەگەشمەسلىكنى ئەسكەرتتى

 

 ھاراق بىلەن ئىچىملىكنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەش مودا

 

بىر مەھەل، ھاراق بىلەن ئىچىملىكنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشمۇ مودا بولغان. قىزىل ھاراق بىلەن سىپرايىت (雪碧)نى، ۋىسكى بىلەن قىزىل چاينى، پىۋا بىلەن كولانى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش دېگەندەك ھەرخىل گۇرۇپپىلاش ئۇسۇللىرى بار. ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، ھاراقنىڭ ئىسپىرت قويۇلۇقى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن، ئىچىملىك ئىچكەندەك ھېس قىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇنداق ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

 

لېكىن مۇتەخەسىسلەر ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ، ئادەتتە ھاراققا ئارىلاشتۇرۇلغان كاربونلۇق ئىچىملىكلەر، ئاشقازاندا كاربون تۆت ئوكسىد ھاسىل قىلىپ، ئىسپىرتنى تېزلا كىچىك ئۈچەيگە كىرىشكە قىستايدۇ، كىچىك ئۈچەينىڭ ئىسپىرتنى سۈمۈرۈش كۈچى ئاشقازاندىن تېز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەنگە بولغان زىيان ئېغىرلايدۇ. بۇندىن باشقا، ھاراققا ئىچىملىك ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە، قارىماققا ھاراقنىڭ كۈچى تۆۋەنلىگەندەك قىلغان بىلەن، ئادەم ئاسانلا جىق ئىچىۋالىدۇ. چۈنكى ئىچكەن ئادەم خۇددى ئىچىملىك ئىچكەندەك ھېس قىلغاچقا، قورقماي كۆتۈرىۋېرىدۇ، ئاخرىغا بېرىپ، ئىسپىرت كۈچىنى كۆرسەتكەندە ئاللىبۇرۇن كېچىككەن بولىدۇ.

 

ئاق ھاراق زىيان قىلىدۇ، قىزىل ھاراق پايدا قىلىدۇ

 

نۇرغۇن كىشىلەر ئاق ھاراق بەدەنگە زىيان قىلىدۇ، ئۈزۈم ھارىقى ئىچسە سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەيلى ئاق ياكى قىزىل ھاراق بولسۇن، گەپ مىقدارىنى كونترول قىلىشتا.

 

مۇتەخەسىسلەر، ھەر ھەپتىدە ئىسپرت ئىستىمال قىلىش مىقدارى ئەرلەرنىڭ 140 گرامدىن تۆۋەن، ئاياللارنىڭ 70 گرامدىن تۆۋەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئىسپرتتىن كېلىپ چىققان جىگەر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش خەۋپى بار. 140 گرام ئىسپرت دېگەن 50 گرادۇسلۇق ئاق ھاراقتىن 3-4 بوتۇلكا دېگەن گەپ، دېمەك، قۇرامىغا يەتكەن بىر ئەر ھەر ھەپتىدە 50 گرادۇسلۇق ئاق ھاراقنى ئۈچ-تۆت بوتۇلكىدىن ئارتۇق ئىچمەسلىك كېرەك، قىزىل ھاراقنى بولسا، ئىككى-ئۈچ كۈندە بىر كونترول قىلىش كېرەك.

 

ھاراق ئىچسە يۈزى قىزىرىدىغانلار ئاسان مەست بولمايدۇ

 

بۇ گەپ ھاراق سورۇنلىرىدا ھاراق زورلايدىغان ياخشى باھانە. ئەمەلىيەتتە بولسا، ھارا ئىچىش بىلەن يۈزىنىڭ قىزىرىش قىزارماسلىقىنىڭ قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق.

 

بەزى كىشىلەر ھاراق ئىچكەندە يۈزىنىڭ قىزىرىشىنى ياخشى ئىش، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشىلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما مۇتەخەسىسلەر، ھاراق ئىچىش بىلەن يۈز رەڭگىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئادەملەرگە قاراپ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاراق ئىچكەندە يۈزى قىزىرىدىغان ئادەملەرنى ئاسان مەست بولمايدۇ دەپ قارىشىدىكى سەۋەب، يۈزى قىزىرىدىغان ئادەمگە كۆپچىللىك ئادەتتە بەك زورلاپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئاز ئىچكەنلىكتىن، ئۇيقۇسى كېلىپ، 15-30 مىنىۇت ئۇخلىغاندىن كېيىنلا يەنە روھلىنىپ كېتىدۇ، لېكىن يۈزى قىزارمايدىغان ئادەملەر، ھەمىشە ئۆزىنى تۇيالماي كۆپ ئىچىۋالىدۇ.

 

گۆش، كولباسا بىلەن ھاراق ئىچىش

 

ھەرگىزمۇ ئاچ قورساق ھاراق ئىچمەسلىك كېرەك، ئەگەر ئىچىشتىن بۇرۇن قورساقنى توقلىيالمىغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى، بىر تەرەپتىن يەپ، بىر تەرەپتىن ئىچكىنىڭىز ياخشى. ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ بېلىق، كولباسا، سۈرلەنگەن گۈش قاتارلىقلار بىلەن ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ خىل يېمەكلىكلەردە كۆپ مىقداردا پىگمېنت ۋە نېتروزامىن بولۇپ، ئىسپىرت بىلەن تەسىرلىشىپ، جىگەرنى زەخمىلەندۈرۈپلا قالماي، ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق پەردىنىمۇ زىياناغ ئۇچرىتىدۇ، ھەتتا راك پەيدا قىلىدۇ.

 

ئامال بار ئىسپىرتنىڭ ئاشقازان ۋە جىگەرگە بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ھاراق ئىچىشتىن ئاۋۋال ئەڭ ياخشىسى ئازىراق بىر نەرسە يەۋىلىش، مەسىلەن، بىر ئىستاكان سۈت ئىچىش ياكى بىرەر تال تۇخۇم ياكى گۆش يەۋىلىش كېرەك. چۈنكى بۇلار يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر بولۇپ، ئاشقازاندا ئىسپرىت بىلەن بىرلىشىپ، ئىسپىرتنىڭ سۈمۈرلىشىنى ئازايتىدۇ.

 

بىراقلا كۆتۈرۈش

 

بەزىلەر ھاراقنى تېز ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، ھاراقنى ئاستا ئىچىشكە بولىدۇكى، تېز ئىچىشكە بولمايدۇ، تېز ئىچىلسە قاندىكى ئېتىل ئالكوگولنىڭ قويۇقلۇقىمۇ تېز ئۆرلەپ، ئاسانلا مەست بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر ئاستا ئىچسە، بەدەننىڭ ئىتىل ئالكوگولنى پارچىلىشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بولۇپ، ئاسان مەست بولمايدۇ.

 

ھاراق تاماكا ئايرىلماس

 

بەزىلەر ھاراق ئىچكەچ تاماكا چېكىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەتتا بەزى تاماكا چەكمەيدىغانلارمۇ، مەست بولۇپ قالغاندا چېكىپ قويىدۇ. لېكىن، ھاراق ئىچكەچ تاماكا چېكىش، جىگەر بىلەن ئۆپكىگە تەڭلا زىيان يەتكۈزىدۇ. تاماكا تەركىبىدىكى نېكوتىن ھاراقنىڭ تەسىرىنى كېمەيتكەنلىكتىن، بىلىپ-بىلمەيلا كۆپ ئىچىۋالىدىغان ئىش چىقىدۇ.

 

يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراقنىڭ كۈچى بار

 

ئادەتتە كىشىلەر، تۆۋەن گرادۇسلۇق ھاراقنى ئىسپرت بىلەن سۇنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلانغان، كۈچى يوق، يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراق ئېچىتىپ ياسالغان، مەست بولسا باشقا چىقمايدۇ، كۈچى بار، دەپ قارايدۇ.

 

ئەمەلىيەتتە، گرادۇس سانى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىسپىرت تەركىبىنىڭ شۇنچە يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ئىسپىرت بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن %90 تىن كۆپرەكى جىگەر تەرىپىدىن سۈمۈرىلىدۇ، كۆپ مىقداردىكى ئىسپرت جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھاراقنىڭ گرادۇسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىسپىرتنىڭ كىرىش مىقدارى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، جىگەرگە بولغان زىيىنىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇندىن باشقا، ئىسپرت جىگەرت تەرىپىدىن پارچىلىنىشى ئۈچۈن كۆپ خىل ئېنزىم ۋە ۋېتامىنلار كېرەك بولىدۇ، ئىسپىرتنىڭ مىقدارى قانچە كۆپ بولسا، مۇسكۇلدىكى خورايدىغان ئېنزىم ۋە ۋېتامىنلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

 

تۇيۇقسىز ھاراق تاشلىسا بەدەنگە زىيانلىق

 

نۇرغۇن كىشىلەر سالامەتلىكى تۈپەيلى دوختۇرنىڭ ھاراق تاشلاش تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىدۇ، لېكىن كۆپىنچىسى تاشلىيالمايدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز تاشلىسا بەدەنگە زىيانلىق دېگەننى باھانە قىلىدۇ.

 

مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : تۇيۇقسىز ھاراق تاشلاشتىن كېلىپ چىققان نورمالسىزلىق ئەمەلىيەتتە، ماسلاشماسلىق ئەھۋالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھاراققا تايىنىۋالغان ئادەم ئەگەر تۇيۇقسىز ھاراق تاشلىسا، بەلكىم قولى تىتىرەيدىغان، كۆڭلى ئاينىيدىغان، قۇسىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ ھاراق تاشلاش زۆرۈر، ھەرگىزمۇ ئازىراق ئىچىپ پەسكويغا چۈشۈشكە بولمايدۇ. بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا كېلىنكىدا دورا ئارقىلىق كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

 

مەست بولۇپ قالغاندىن كېيىن، قولىنى كارنايغا تىقىپ ياندۇرىۋەتسە يېشىلىدۇ

 

بۇ خېلى كۆپ ئادەملەرنىڭ مەخپى چارىسى، ياندۇرىۋەتكەندىن كېيىن، ئادەم ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ، ھەتتا داۋاملىق ھاراق ئىچىدۇ. ئەمما مۇتەخەسىسلەر بۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

 

بۇ خىل ھەرىكەتنى ئەڭ ياخشىسى ساق ۋاقتىدا ياكى دوختۇرنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئىشلەش كېرەك، چۈنكى مەست ئادەم ھوشىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا، كارنايغا تىقىلغان نەرسىنى يۈتىۋىلىپ، خەتەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، قاتتىق كوچىلاپ ياندۇرۇپ قورساق بوشلۇقى ئىچىدىكى بېسىمنى ئاشۇرۇپ، ئاسانلا ئاشقازان قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يەنە ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدىكى نەرسىلەرنىڭ تەتۈر ئايلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، جىددى خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

 

قېنىق چاي، قەھۋە مەستلىكنى يېشىدۇ

 

ھاراقتىن كېيىن قېنىق چاي ئىچكەندە چايدىكى كوفىئىن قاتارلىقلار تېزلىكتە كىچىك تەرەتنى قىستاپ، ئېتىل ئالكوگولغا ئايلىنىپ بولالمىغان ئاتسېتئالدىئىد بالدۇرلا بۆرەككە كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۆرەكنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. قەھۋە بولسا ئاساسلىق تەركىبى كوفىئىن بولۇپ، نېرۋىنى غىدىقلاش رولى بار، ھاراقتىن كېيىن قەھۋە ئىچكەندە چوڭ مېڭە ئېغىر ھوشسىز ھالەتتىن كۈچلۈك ھاياجانلىنىشقا ئۆتىدۇ ھەمدە قان تومۇرلار غىدىقلىنىپ كېڭىيىدۇ، قاننىڭ ئايلىنىشى تېزلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك قان-تومۇرلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، بەدەنگە كەلتۈرىدىغان زىيىنى ھەسسىلەپ ئېشىپ كېتىدۇ، ھەتتا يۇقىرى قان بېىسىمنى پەيدا قىلىدۇ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كۆز پەردىسىگە قان تولۇپ، مەلۇم ئەزاغا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى پىۋىنى كۆپ ئىچسە قاندىكى قوغۇشۇن ئېشىپ كېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .