ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە يۇيۇنماڭ نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ بولغا

                                        ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە يۇيۇنماڭ

  نۇرغۇن كىشىلەر ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇنۇپ راھەتلەنگۈسى كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ نۇرغۇن زىيانلىق تەرىپى بار.چۈنكى يۇيۇنغاندا بەدەندىن تەر چىقىدۇ، قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرىلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىق سۇ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، قان تومۇرىنى كېڭەيتىۋېتىدۇ، تومۇرنىڭ سوقۇشىنىمۇ تېزلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆپ ھاللاردا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ يېپىشقاقلىقى ۋە قويۇقلۇقىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئورگانىزم بۇنىڭغا ماسلىشالماي يۈرەك كېسىلى ياكى شامال دارىش(سەكتە)نىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. شۇڭا مەست بولغاندا كۆپرەك ئۇسسۇزلۇق ئىچىپ ئۇخلاش (ياخشىسى ئازراق ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E يېيىش كېرەك). ئەتىسى ئەتىگەندە ئىسسىق سۇ بىلەن باشنى يۇغاندا مەستلىكتىن يېشىلگىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇخلاش جەريانىدا ئىسپىرت تەدرىجىي پارچىلىنىپ، قاندىكى ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ چاغدا ئىسسىق سۇدا باشنى يۇغاندا سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرىدۇ.

كېلىش مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھاراق ئىچمىگەن ئەر،ئەرئەمەسمۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كۆز پەردىسىگە قان تولۇپ، مەلۇم ئەزاغا ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .