تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك ، جەمئىيەتتە ھازىر ھاراق ئىچىش ئومۇملىشىپ قېلىشقا باشلىدى ئىلگىرى يېزىلاردا ھاراق ئىچكەنلەرنى يات كۆرىدىغان ھەم بۇنداق يولدىن توسىدىغان ئىشلار كۆپ ئىدى ، كىشىلەر جامائەت پىكىرىدىن قورقۇپ بولسىمۇ ، ئالدىراپ ھا

يېقىندا ئىچكى ئۆلكىگە ئوقۇشقا بارىدىغان بىر دوستىمىزنى ئۇزىتىش مۇناسىۋىتى بىلەن بىر سورۇنغا قاتنىشىپ قالدىم ، يېىنىمىزدىكى ئۈستەلدە پاراللېل سىنىپىتىكى ئوغۇللار ئولتۇرۇشقانىدى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ بىللە ئوقۇغان ، ھاراق - تاماكىغا يېقىن يولمايدىغان ، ئەلاچى ھەم ئەخلاقلىق بىر ساۋاقدىشىممۇ بار ئىدى . ئۈستەلگە قورۇما تارتىلغاندىن كېيىن ، ئۇلار تاماق يېگەچ ھاراق ئىچىشكە باشلىدى . نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە ، ئۇ ئاشقازان ئاغرىقىنى باھانە قىلىپ سىلىق رەت قىلىۋېدى ، بىللە ئولتۇرغانلا مەسخىرىلىك ئەيىبلەش سۆزلىرىنىياغدۇرۇۋەتتى . 
 
   - ھەي گۇي ، ئاناڭ سېنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان جۇمۇ ، بىر رومكىمۇ ئىچمەلمەيدىغان ھاڭلىڭغا تېخى « ئەركەكمەن » دەپ پو ئاتسىنا ؟ ھازىرقى زاماندا ئوغۇل بالا تۈگۈل بەزەن قىزلار بوتۇلكا بىلەن ئىچىدىغان بولۇپ كەتتى . 
 
   ئەزەلدىنلا كەم سۆز بۇ ساۋاقدىشىم رومكىنى ئېلىپ ، ئۈن - تىنسىز كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن سورۇندىن چىقىپ كەتتى . ھازىرقى ئوغۇللار نېمە بولۇپ كەتتىكىنە ؟ ئۇلاردا باشقىلارنىڭ يولسىز تەلىپىنى رەت قىلغۇدەك جۈرئەت قالمىغانمىدۇ ؟ ئەگەر ئۇلار ھەققىي دوستلاردىن بولسا ، نېمىشقا بىر - بىرىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلمايدۇ ؟ شۇ چاغدا يېقىندا ئوغۇللار ياتىقىدا يۈز بەرگەن بىر ئىش يادىمغا كەلدى .
 
   - ئاغىنىلەر ، بۈگۈن ماڭا ئىچىشىپ بېرىڭلار ، ھاراق مەندىن ! 
 
   - ئۆمرۈڭدە بىرەر رۇمكا ئىچىھاراق ئىچىش ئۈچۈن تاپقان « يوللۇق » باھانىسى ئىدى . بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ھاراق ئىچسە غەم - ئەندىشىلەر ئۇنتۇلۇپ ، روھى كۆتۈرۈلۈپ قالىدىكەن . ئەمما بۇ ئېنىقلا رېئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىق ، ئۆزىنى ئۆزى ئالدىغانلىق ، ھەتتا ئۆزىگە ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغانلىق ئەمەسمۇ ؟ ! گەرچە ھاراق ۋاقىتلىق كۆڭۈل خۇشى بولسىمۇ ، ئەمما تۈگمەس كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
 
   ئىگىلىنىشىچە ، مەلۇم ئالىي مەكتەپتىكى ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85 ى ھاراق ئىچىدىكەن ، ھاتتا بەزى قىزلار ھاراق ئىچمەيدىغان ئوغۇللارنى : خېنىم مىجەز ، سورۇندارچىلىققا يارىمايدۇ ، دەپ قارايدىكەن . ھاراق كۆتۈرەلەيدۇ ، كۆتۈرەلمەيدۇ ، دەپ دەرىجىگە ئايرىيدىكەن . ھەيران قالدىم ، زامان تەرەققىي قىلسا ، بەزىلەر ياخشى ئادەتلەرنى تەڭ تەرەققىي قىلدۇرۇىدىكەن ، ئەمما بىز ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىزنى بۇزۇپ « زامانىۋى چاكىنا ئادەتلەر » نى يارىتىدىكەنمىز .

بەدىنىمىزگە زىيانلىق ، روھىمىزنى چىرىتىدىغان ئىچىملىكنى دائىم زىيادە كۆپ ئىچىشنى « خۇشاللىق » دەپ بىلىدىغان ئادەمدىن يەنە قانچىسى باردۇ ؟ !پ باقمىغان ئادەم ئىدىڭ ، بۈگۈن نېمە بولدى ساڭا ؟ 
 

ئالدىنقى ماقالىمىزدا تېلېۋىزور كۆرگەچ ھاراق ئىچىدىغانلار تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە يۇيۇنماڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .