ئادەم تېلېۋىزور كۆرگەچ ھاراق ئىچسە ، ئاسانلا مەست بولۇپ قالىدۇ ، نېمىشقا مۇنداق بولىدۇ؟

تەتقىقاتچىلار تەتقىقات ئوبيېكتىلىرىنى تېلېۋىزور كۆرگەچ ھاراق ئىچىشكە تەشكىللەپ خېلى ئۇزاق ۋاقىت كۆزەتكەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرمىگەن چاغدىكىگە قارىغاندا بىر يېرىم رومكا ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلىقىنى بايقىدى . 


   تەتقىقاتچىلار مۇنداق يەكۈن چىقاردى : تېلېۋىزور كۆرگەچ ھاراق ئىچكەندە ، كىشلەر تېلېۋىزوردا بېرىلىۋاتقان پىروگراممىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، زادى قانچىلىك ھاراق ئىچكەنلىكى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىكەن .

تېخى مۇنداق شارائىتتا چوڭ مېڭە مەستلىك سىگنالىنى تارقاتمايلا قالماستىن ، يەنە ھاراقنىڭ تەسىرىدە كىشىنى تېلېۋىزوردىن ئالغان خۇشاللىقنىڭ زورلۇقىغا ئىشەندۈرىدىكەن ، شۇڭا تېلېۋىزور كۆرۈش ھاراقنىڭ كۆپ ئىچىلىشىگە ئۈنۈملۈك شارائىت ھازىرلاپ ، ئادەمنى ئاسانلا مەست قىلىپ قويىدىكەن ، ھەتتا كىشىنى ھاراققا خۇمار قىلىپ قويىدىكەن .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا ھاراق ۋە تاماكىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھاراق ئىچمىگەن ئەر،ئەرئەمەسمۇ؟ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .