ھاراقنىڭ جىگەر ، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ

    ھاراقنىڭ جىگەر ، ئاشقازان ۋە بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ . ئەمما ھاراقنىڭ قۇلاقنى زەخمىلەندۈرىدىغانلىقىنى كۆپ ئادەم بىلمەسلىكى مۇمكىن . ئادەتتە دائىم مەست يۈرۈش ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان مۇھىم سەۋەبتۇر .
 
   ئىسپىرت ئادەمنىڭ بوغۇزىدىكى شىلىمشىق پەردىلەرنى غىدىقلىغاچقا ، دائىم ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ كۆپى يۇتقۇنچاق ياللۇغى بولۇپ قېلىپ ، يۇتقۇنچاق –ناغراخانا كانىيى توسۇلۇپ قېلىپ ، قۇلىقى غۇڭۇلداپ ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ .

ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ياللۇغ ھالەتتە تۇرسا ، ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ ، قۇلاققا سۇيۇقلۇق يىغىلىپ قالىدۇ–دە ، قۇلاق غۇڭۇلدايدۇ ، قۇلاقنىڭ ئىچى توسۇلۇپ ئېغىرلىشىپ قالىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچسە ، ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ، ئاڭلاش ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ . ئاخىرىدا نېرۋا خاراكتېرلىك گاس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

ئالدىنقى ماقالىمىزدا كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسە ، قان تومۇرى ئاسان زەھەرلىنىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ھاراق ۋە تاماكىنىڭ ئەرلەرگە بولغان زىيىنى توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .