ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا ، ئاياللارنىڭ تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىلگىرىكى پەرەزدىكىدىنمۇ يۇقىرى بولغان

 

تەتقىقات دوكلاتىدا: تاماكا تەركىبىدىكى ئۆزگىرىش بۇنداق خەۋپنى كۈچەيتىدىغان يوشۇرۇن سەۋەب ، دەپ كۆرسىتىلگەن.

   يېقىنقى سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ %50 ى تاماكا چېكىدىكەن . بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ، بۇ نىسبەت %20تىن %30 كىچە ئىدى .بۇ تەتقىقات دوكلاتىنى تەييارلىغان ئامېرىكا دۆلەت راك كېسىلى تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى نېل فرېدمان : كۆپ يىلدىن بۇيان، تاماكا تەركىبى ۋە تاماكا چېكىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولغاچقا ، تاماكا چېكىش بىلەن دوۋساق راكىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچىيىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

   تەتقىقات دوكلاتىدا: ئۆتكەن 50 يىلدا تاماكىنىڭتەركىبىدە ئۆزگىرىش بولۇپ ، ‹‹ كوكس مېيى ۋە نېكوتىننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى تۆۋەنلەپ، دوۋساق راكىنى پايدا قىلىدىغان نافتىلامىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى روشەن ئېشىپ كەتتى، دېيىلدى.

   تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىدىغان ئاياللارنىڭ دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى %52 كە يېتىدىكەن . ئەرلەرنىڭ بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولۇپ،%50 كە يېتىدىكەن.

   بۇ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكا دۆلەت راك كېسىلى تەتقىقاتخانىسىنىڭ 2009-يىلدىكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئىسپاتلىغان بولۇپ، تاماكا چېكىش بىلەن دوۋساق راكىنىڭ مۇناسىۋىتى 20-ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلگىنىدىنمۇ قويۇق ئىكەن.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكىنىڭ زىيىنى گېنغىمۇ سىڭىپ كىرىدىكەن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسە ، قان تومۇرى ئاسان زەھەرلىنىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .