تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بەدىنى تاماكا تاشلاپ ئون يىلدىن كېيىنمۇ تاماكا كەلتۈرگەن زىيانغا داۋاملىقئۇچراپ تۇرىدىكەن، ئۇلارنىڭ ئۆپكە راكى ۋە ئۆپكە يەللىك ئىششىقىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يەنىلا يۇقىرى بولىدىكەن

 

كانادادىكى ئەنگلىيەگە قاراشلىق كولومبىيە راك كېسەللىرى تەتقىقات مەركىزىدىكى راك كېسىلى مۇتەخەسسىسى رېگ چارلىز قاتارلىقلار گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى باھالاش تەتقىقاتىنى ئىشلىگەن. ئۇلار ئەزەلدىن تاماكا چېكىپ باقمىغان تۆت ئادەم ۋە تاماكا چېكىۋاتقان سەككىز ئادەم بىلەن ئىلگىرى تاماكا چەككەن 12ئادەمنىڭ نەپەس يولىدىن ئېلىنغان توقۇلما ھۈجەيرىسىنى ئانالىز قىلغان.

 ئىلگىرى تاماكا چەككەن 12ئادەمنىڭ 32 يىللىق تاماكا چېكىش تارىخى بولۇپ، ئۇلارنىڭ تاماكا تاشلىغىنىغا بىر يىل بولغان

تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن ئىلگىرى تاماكا چەككەنلەرنىڭ بەزى ئۆزگەرگەن گېنلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئوخشاش بولغان، ئەمما 124 گېننىڭ ئىپادىلىنىشى يەنىلا نورمال سەۋىيەگە يەتمىگەنبۇ گېنلاردىن ھاسىل بولغان بىر قانچە خىل پروتېئىن ئۆپكە كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. مەسىلەن: ھۈجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش دەۋريىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە تۈرلۈك گېننىڭ،ئىلگىرى تاماكا چەككۈچىلەر ۋە ھازىر تاماكا چېكىۋاتقانلاردىكى ئىپادىلىنىش سەۋىيەسى تۆۋەن بولغان، ۋاھالەنكى، بۇنداق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە يەللىكى ۋە ئۆپكە يەللىك ئىششىقى ئاغرىقلىرىدىكى نەپەس يولى ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن ماس كېلىدىكەن.

   چارلىزنىڭ قارىشىچە، تاماكا تاشلاش گەرچە كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق خەۋپ ئۈزۈل – كېسىل تۈگەپ كەتمەيدىكەن. بۇ تەتقىقاتتا، ئىلگىرى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ئېغىر دەرىجىدە تاماكا چەككۈچىلەر بولۇپ، 30 نەچچە يىللىق تاماكا چېكىش جەريانىدا ھەر كۈنى ئاز دېگەندىمۇ بىر قاپ تاماكىنى چېكىپ بولغان، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك كانايچە يەللىكى ۋە ئۆپكە يەللىك ئىششىقىنىڭ ئالامەتلىرى بايقالغان. ۋاھالەنكى، گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنىڭ ئۆزگىرىشى – ئۇلارنىڭ كېسەل بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇنىرە مەسغۇت تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا سەھەردە تاماكا چەكسە راك بولۇش ئېھتىمالىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ %50 ى تاماكا چېكىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .