يېقىنقى ئىككى تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە ، ئەتىگەندە ئويغىنىپلا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى ۋە بويۇن راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبتى يۇقىرى بولىدىكەن

 

  تاماكا چېكىش كىشلەرنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتاربولۇش ئېھتىمالىنى ئاشۇرۇۋەتسىمۇ ، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بىر قىسمىلا راك كېسىلىگەگىرىپتار بولىدۇ ؟

پېنسىلۋانىيە ئىشتاتلىق تېببىي ئىنىستىتۇرنىڭ دوكتورى جوشۋا ماسكات ۋە ئۇنىڭ كەسىپداشلىرى كىشلەرنىڭ ئەتىگەندە ئويغانغاندىن كېيىنكى تۇنجى تاماكىنى چېكىش ۋاقتىنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ نىكوتىنغابولغان بېقىنىشىنىبەلگىلەيدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۆپكە ۋە بويۇن راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىگە تەسىركۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىغان.

   دوكتور ماسكات : ئەتىگەندە ئويغىنىپلا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ تېنىدە نىكوتىن مىقدارى كۆپ بولۇپلا قالماي ، باشقا تاماكا زەھەرلىرىنىڭ مىقدارىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن ، ئۇلارنىڭ خۇمارى ئويغىنىپ يېرىم سائەتكىچە تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ .

گېن بىلەن شەخسىي ئامىل بىرلەشسە تاماكا خۇمارى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، دېدى.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تاماكا چېكىش تاماق تالاسىنىڭ پايدىلىق رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكىنىڭ زىيىنى گېنغىمۇ سىڭىپ كىرىدىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .