شىنخۇا ئاگېنتلىقى، توكيو، 9 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، تاماق تالاسىنى كۆپرەك قوبۇلقىلغاندا، مېڭە ئاپوپلېكسىيە كېسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش خېيىم خەتىرىنى ھەقىقىي تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، لېكىن تاماكا تاماق تالاسىنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق تەرەپلىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن

 

      ياپونىيە ‹‹يومىئۇرى خەۋەرلىرى›› گېزىتىنىڭ 9– ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: ياپونىيە دۆلەتلىك راك كېسىلى تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سەككىز ناھىيەدە 45 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان 87 مىڭ ئاھالىنى ئوبيېكت قىلىپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، ئۇلار تەخمىنەن ئون يىل تەكشۈرۈش داۋامىدا، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 3237 كىشىنىڭ مېڭە ئاپوپلېكسىيە كېسىلى ياكى يۈرەك مۇسكۇلىتىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنىبايقىغان.

    تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈلگەن ئوبيېكتلارنىڭ تاماق تالاسىنى قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ئاز – كۆپلۈكىنى تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ تاماق تالاسىنى قوبۇل قىلىشى قانچە كۆپ بولسا، ئۇلارنىڭ مېڭە ئاپوپلېكسىيە كېسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خېيىم خەتىرىنىڭ شۇنچە تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    تەتقىقاتچىلار تاماكا چېكىدىغان ئەرلەر بىلەن تاماكا چەكمەيدىغان ئەرلەرنى ئايرىم – ئايرىم تەكشۈرگەن. نەتىجىدە، تاماكا چېكىدىغان ئەرلەر تاماق تالاسىنى ھەرقانچە كۆپ قوبۇل قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ مېڭە ئاپوپلېكسىيە كېسىلى ياكى يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشنىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىمىگەن، تاماق تالاسىنى كۆپ قوبۇل قىلغان، تاماكا چەكمەيدىغان ئەرلەرنىڭ مېڭەئاپوپلېكسىيە كېسىلى ياكى يۈرەك مۇسكۇلىتىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماق تالاسىنى ئاز مىقداردا قوبۇل قىلىدىغان ئەرلەرنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا تۆۋەن بولغان.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا بەل ئاغرىقى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى سەھەردە تاماكا چەكسە راك بولۇش ئېھتىمالىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .