فىنلاندىيەدە ئىشلەنگەن بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، بەل ئاغرىقى تاماكا چېكىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

 

 تەتقىقاتچىلارنىڭ بېلىئاغرىيدىغانلار ۋە ئۇلارنىڭ تاماكا چېكىش ئادىتىنى سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ بەلنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئاغرىشىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تاماكاچەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن %31 يۇقىرى بولىدىكەن.

ئاستا خاراكتېرلىك بەل ئاغرىقى ۋە بەلنىڭ قاتتىق ئاغرىشىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ يۇقىرى بولىدىكەن، تاماكا تاشلىغانلاردا يۇقىرىقى ئەھۋاللار يېنىكلەيدىكەن.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تاماكا چېكىدىغانلاردا ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى كۆرۈلىدىكەنھەم قاندىكى ئاغرىق يەتكۈزگۈچى خىمىيەلىكتەركىبلەر ئېشىپ كېتىدىكەن.

ئابلىمىت داۋۇت تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تاماكىنى ئاز چېكىڭ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا چېكىش تاماق تالاسىنىڭ پايدىلىق رولىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .