ئامېرىكىدىكى تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تەركىبىدە كاروتىن مول كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغاندا، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن

 

تەركىبىدە كاروتىن مول كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغان تاماكا چەككۈچىلەر بىلەن باشقا تاماكا چەككۈچىلەرنى سېلىشتۇرغاندا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 8: 1 بولغان. سەۋزە، بەرەڭگى، شوخلا، قىزىل دېڭىز يوسۇنى، لامنارىيە، پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە كاروتىن مول بولۇپ، ئۇ بەدەندە ۋىتامىن A غا ئايلىنىپ، ھۈجەيرىلەرنى قوغداپ، بەدەندە راك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن.

غەيرەت قېييۇم تەرجىمىسى


ئالدىنقى ماقالىمىزدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم تورخانىلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تاماكىنى ئاز چېكىڭ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .