تورخانىلار تاماكا چېكىش چەكلەنگەندىن بۇيانئېلىمىز 2002 – يىلى نويابىر چىقىرىلغان ‹‹ ئېنتېرنېت تورىدا تور مۇلازىمىتى تىجارەت سورۇنلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى ›› دا تاماكا چەككەنلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ چەكلىمىگەن ياكى تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش بەلگىسى ئاسمىغانلارنى ج خ ئورگانلىرى ئاگاھلاندۇرىدۇ ياكى 15 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويۇلىدۇ ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن

 

ھازىر تورخانىلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلىمەسلىك بىر خىل نورمال ئەھۋال ھېسابلانماقتا .

    تاماكىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى قۇرۇقھۆججەتكە ئايلىنىپ قالدى

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ غەربىي ئارقا كوچىسىدىكى ‹‹چىڭسۇڭ ›› تورخانىسىدا 10 ئادەمنىڭ ئۇچى تاماكا چەككەن ، تورخانا مەسئۇلىنىڭ كارى بولمىغان .

    مۇخبىر كەچ سائەت 19:00 ئەتراپىدا يېكەنكۆل 2 – قارارىدىكى بىر تورخانىغا كىرگەندە كومپىيۇتېرنىڭ يېنىدىكى كۈلدان تاماكا قالدۇقى بىلەن توشۇپ كەتكەن ، يەنە بەزى كۈلدانغا سۇ قۇيۇلغان ئىدى .

    تورخانىنىڭ تېمىغا ‹‹تاماكا چەكمەڭ ›› دېگەن بەلگە ئېسىلغان بولسىمۇ ، تاماكا چېكىدىغانلار خېلى كۆپ ئىدى . تورخانىدىكى بىر خىزمەتچى مۇخبىرغا : ‹‹تورخانىدا تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەك قىيىن ،ئۇلارغا دېگەن بىلەنمۇ ئاڭلىمايدۇ ، ئامال يوق ›› دېگەن .

    ‹‹جۈنيى ›› تورخانىسىنىڭ ‹‹ياشلار يولى ›› تورخانىسىدا ئويۇن ئويناۋاتقان لى گۇاڭخۇا مۇخبىرغا : ‹‹ھەممە كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا بىردىن كۈلدان بار ، بۇ تاماكا چەككىلى قويغانلىق ئەمەسمۇ ؟ بىرەرسى ماڭا تورخانىدا تاماكا چەكمەڭ دەپ باقمىدى ›› دېدى .

    ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹جۇڭسەن يولى ›› دىكى ‹تەنشيەن ›› تورخانىسى ، ‹‹چېڭشى ›› مېھمانسارىيىنىڭ 2 – قەۋىتىدىكى ‹‹جۈنيى ›› تورخانىسى ، تۆۋەنكى قوۋۇق ئەتراپىدىكى ‹‹شىنشىن ›› تورخانىسى قاتارلىق تورخانىلارنىڭ ھەممىسىدە تاماكا چېكىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن .

    كۇنۇپكا تاختىلىرى ئومۇميۈزلۈك مەينەت ئىكەن

    شەنبە كۈنلۈكى تورخانىلارنىڭ بېسىق بولىدىغان مەزگىلى ، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئەتراپىدكى تورخانىلاردا ئاساسىي جەھەتتىن ئادەم توشىدىكەن .بۇ جايدىكى كۇنۇپكا تاختىسى ، مائۇس قاتارلىقلار مايلىشىپ كەتكەن بولۇپ ، ئادەمنىڭ بارماقلىرى چاپلىشىپ قالىدىكەن . شۇنداق بولسىمۇ ، بىرەر ئورۇن بوشىسا ، كەينىدىنلا ئادەم كېلىپ بولىدىكەن .


ئالدىنقى ماقالىمىزدا تەلىم ـ تەربىيە مۇتەخەسسىسلىرى تاماكانى تاشلاش ئۈچۈن قىلغان تەۋسىيەلىرى تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى تاماكا چېكىدىغانلار كۆكتاتنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك ئىكەن توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .