1 تاماكا ئورنىغا نىكوتىن ماددىسىدىن ياسالغان مەخسۇس رىۋاشكىلارنى چايناش تاماكىغا

 

1 . تاماكا ئورنىغا نىكوتىن ماددىسىدىن ياسالغان مەخسۇس رىۋاشكىلارنى چايناش تاماكىغا بولغان ئىشتىھانى پەسەيتىدۇ. چۈنكى كىشىلەرنى تاماكا چېكىشكە ئادەتلەندۈرۈپ قويغان نەرسە ئۇنىڭدىكى نىكوتىن ماددىسىدۇر. مىسۋاك قوللۇنۇشمۇ تاماكىنى تاشلاشقا ياردەمچى بولىدۇ. خۇمار قاتتىق تۇتقان لەھزىلەردە مىسۋاكنى ئېغىزىدىن چىقارماي تۇرۇش ياخشى ئۇسۇلدۇر. شۇنداقلا چىشلارنى يۇيۇپ تۇرۇشمۇ ئۇنىڭغا ياردەمچى بولىدۇ.

2 . تاماكىنى تەدرىجىي تاشلاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ كۈندىلىك چېكىدىغان تاماكا نىسبىتىنى ئازايتىش ئارقىلىق بولىدۇ. مەسىلەن: كۈنىگە بىر پاچكا چېكىدىغان كىشى ئۇنى بىر ياكى ئىككى تالغا چۈشۈرۈشى، ئىمكان قەدەر ئاز چېكىشكە تىرىشىش ئارقىلىق بولىدۇ. لېكىن ئەڭ ياخشى ۋە ئۈنۈملۈك چارە، ـ يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ــ دەرھال تاشلاشتىن ئىبارەتتۇر.
تاماكا چەكمەيدىغان ھەمراھلار بىلەن بىرگە سەيلىگە ۋە سەپەرلەرگە چىقىش. شۇ ئارقىلىق تاماكا چەكمەسلىككە ئۆزىنى كۆندۈرۈش مۇمكىندۇر. لېكىن بۇ ئەسنادا ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەسلىك ھەتتا ئۆزىگە تاماكا ھەققىدە خىيال سۈرۈشكىمۇ پۇرسەت بەرمەسلىك كېرەك.

3 . تاماكىغا قارشى تۇرىدىغان مەخسۇس تېببىي مەركەزلىرى بولىدۇ. ئۇلار يىڭنىلەر ۋە بەزى دورىلار ئارقىلىق تاماكىنى تاشلىماقچى بولغانلارنى دەۋالايدۇ. بۇ ئورۇنلارغا مۇراجىئەت قىلىشمۇ ئالاھىدە ياردەمچى بولىدۇ.

4 . تاماكا چېكىدىغان دوستلاردىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش، ئېۇلارنىڭ سورۇنلىرىغا بارماسلىق ۋە تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن كۆپ ئېارىلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى چەكمەسلىككە كۆندۈرۈش.

5 . بېرەر ياكى ئىككى قېتىم مەغلۇب بولۇش بىلەن مەيۈسلەنمەسلىك ۋە ئۇنى تاشلىيالايدىغانلىقىدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەسلىك كېرەك. ئادەتتە تاماكىنى تاشلىماقچى بولغانلاردىن 60% كىشى ئىرادىسىدىن يېڭىلىپ يەنە تاماكا چېكىش ئادىتىگە قايتىدۇ. لېكىن تاشلىماقچى بولغان ئادەم بېرەر ياكى ئىككى قېتىم يېڭلغىنىدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئاجىز نوقتىسىنى بىلىۋېلىپ، بارچە ھىممىتى ۋە كۈچىنى شۇ ئاجىزلىق تەرىپىنى يېڭىش يولىغا سەرپ قىلىدىكەن، ئۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلالايدۇ. ئىرادىلىك ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى ۋە ئاجىزلىق نوقتىسىنى تونۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېڭىلمەسلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. مەلۇمكى، ھارماي كۈرەش قىلغانلار ئاخىرى چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

6 .ئۆز ـ ئۆزىگە سۆز بېرىش ئۇسۇلى بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئىنسان قانچىلىك سۆزىدە تۇرمايدىغان يالغانچى بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن ۋىجدانى ئوتتۇرىسىدا سەمىمىيەت بولۇشى كېرەك. تاماكىنى قەتئىي تاشلاش ئۈچۈن ئۆزىگە چىن ۋەدە بەرگەن ئادەم ھەر ۋاقىت خومارى تۇتۇپ ۋەدىسىنى بۇزۇشقا مەجبۇر ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىدا ئۆز ـ ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىسىنى ۋە ئۆزىنى ئالدىماسلىقى كېرەكلىنى ئويلاپمۇ ۋەدىسىنى بۇزۇشتىن يانىدۇ.

7.يوقىرىقى ئۇسۇللار بىلەنمۇ تاماكىنى تاشلاش جېڭىدە غەلىبە قىلالمىغانلار ئۈچۈن، يەنە بىر چارىمۇ بار، ئۇ بولسىمۇ، تاماكا چەكمەسلىككە قەسەم قىلىش. ئەگەر قەسىمىدە تۇرالماي گۇناھكار بولۇپ قېلىشىدىن قورقسا، ۋاقىتلىق قەسەم قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: بىر يىللىق، ئۈچ ئايلىق، بىر ئايلىق. بۇ ئۇسۇل بىلەن تاماكا چېكىشنى تاشلىغانلارمۇ كۆپ.


ئالدىنقى ماقالىمىزدا قانداق قىلغاندا تاماكانى تاشلىغىلى بولىدۇ؟ تېمىسىدا تەپسىلى توختالدۇق . ياكى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر قىسىم تورخانىلاردا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەدبىرىنىڭ ئۈنۈمى بولمايۋاتىدۇ توغرىسىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز .